Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 41:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 سەكسەن ئادەم شەكەم، شىلو ۋە سامارىيە شەھەرلىرىدىن يېتىپ كەلدى. ئۇلار يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ۋەيران بولغان ئىبادەتخانىسىغا قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، بەدەنلىرىنى تىلغانىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىسرىق سالماقچىدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 41:5
28 Referans Kwoze  

كېيىن ئومرى سەمەر ئىسىملىك بىر كىشىدىن 70 كىلو كۈمۈشكە بىر تۆپىلىكنى سېتىۋېلىپ، ئۇ يەرگە بىر شەھەر قۇردى. ئۇ شەھەرگە شۇ تۆپىلىكنىڭ ئەسلى ئىگىسىنىڭ نامىنى بېرىپ، ئۇنى «سامارىيە» دەپ ئاتىدى.


ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئۆيلەرنى، بولۇپمۇ كاتتا زاتلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.


ئىسرائىللار پۈتۈن زېمىنلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، پۈتكۈل خەلق شىلو شەھىرىگە يىغىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرى تىكتى.


_ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر، شۇڭا ئۆلگەنلەرگە ماتەم تۇتقىنىڭلاردا تېنىڭلارنى تىلماڭلار ياكى چېچىڭلارنىڭ ئالدىنى چۈشۈرمەڭلار.


بارلىق ئىسرائىل خەلقى رىخوبئامنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. رىخوبئاممۇ ئۇ يەرگە كەلدى.


يېرۇببائالنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك شەكەم شەھىرىگە بېرىپ، ئۆز ئانىسىنىڭ تۇغقانلىرىغا ۋە پۈتۈن جەمەتىگە:


دېمەك، ياقۇپ پاددان-ئاررامدىن كەنئان رايونىدىكى شەكەم شەھىرىگە ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكتە ئولتۇراقلاشتى.


موئابتىكى دىبون شەھىرىنىڭ خەلقى ئۆز بۇتخانىسىغا بارىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەجدىگاھلىرىغا بېرىپ نالە-پەرياد قىلىپ يىغلىشىدۇ. موئابلار نىبو ۋە مېدىبا شەھەرلىرى ئۈچۈن ھازا ئېچىشىدۇ. ئۇلار مۇسىبەتتە چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.


يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 38-يىلى ئومرىنىڭ ئوغلى ئاخاب ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. پادىشاھ ئاخاب سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە 22 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.


پادىشاھ ياروبئام ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى شەكەم شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ، شۇ يەردە تۇرىدىغان بولدى. كېيىن ئۇ پىنۇئېل شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ شەھەرنىمۇ مۇستەھكەملىدى.


بۇنداق قىلىش ئۇزۇن يىل داۋاملاشتى. ھاننا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا ھەر قېتىم بارغىنىدا، پىنىننا ئۇنىڭغا ئازار بېرەتتى. شۇڭا ئۇ كۆز يېشى قىلاتتى، گېلىدىن غىزامۇ ئۆتمەيتتى.


شۇڭا مەن، مېنىڭ نامىمغا ئاتالغان، سىلەر ‹بىزنى قوغدايدۇ› دەپ ئىشەنگەن بۇ ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىمەن. مەن سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ يەرنى، شىلونى ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران قىلىمەن.


بۇرۇن مەن ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلارغا يول قويغان شىلوغا بېرىڭلار. خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ قىلغان رەزىل ئىشلىرى تۈپەيلىدىن، مېنىڭ ئۇ يەرنى قانداق ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىمنى كۆرۈڭلار.


قۇللىرىڭ تاشلىرىنى چىن قەلبىدىن سۆيەر سىئوننىڭ، خاراب بولغان تۇپرىقىغا ئىچىنى ئاغرىتىپ ئۇنىڭ.


شۇنىڭدىن كېيىن خانۇن داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنىڭ بىر تەرىپىنى چۈشۈرۈۋەتتى. يەنە ئۇلارنىڭ تونلىرىنىڭ ئاستى تەرىپىنى يانپاشلىرىغىچە كېسىۋېتىپ، ئاندىن ئۇلارنى قوغلىۋەتتى.


ئىسرائىللار مىسىردىن ئېلىپ چىققان يۈسۈپنىڭ سۆڭىكىنى شەكەمدە، يەنى ياقۇپ بۇرۇن شەكەمنىڭ ئاتىسى خامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن 100 كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالغان يەرگە دەپنە قىلدى. بۇ يەر يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىنغان زېمىندا ئىدى.


ئۇ يەرنىڭ قەبىلە باشلىقى خىۋلاردىن بولغان خامورنىڭ شەكەم ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ دىنانى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگدى.


بىر كۈنى يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى شەكەمدىكى يايلاققا ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى باققىلى باردى.


خۇدانىڭ ئىبادەتگاھى شىلو شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، دان قەبىلىسى مىكاھ ياسىغان بۇتنى تىكلىگەنىدى.


تەرك ئەتتى ئۇ يەنە شىلودىكى ماكانىنى، ئىنسانلار ئارىسىغا تىككەن چېدىرىنى.


بۇ زېمىندىكى بايلارمۇ كەمبەغەللەرمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدۇ. ئۇلار دەپنە قىلىنمايدۇ ياكى ئۇلارغا ماتەم تۇتالمايدۇ. كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن بەدەنلىرىنى تىلىپ ياكى چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ، قايغۇ-ھەسىرەتلىرىنى ئىپادىلىمەيدۇ.


گىداليانىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىك خەۋىرى تارقالماي تۇرۇپ، ئەتىسى


گازا شەھىرى ھازا تۇتۇپ چېچىنى چۈشۈرىدۇ. ئاشقىلون شەھىرى جىمىقتۇرۇلىدۇ. ئەي تۈزلەڭلىكتە ھايات قالغان فىلىستىيەلىكلەر، سىلەر قاچانغىچە تېنىڭلارنى تىلىسىلەر؟


كىشىلەر قايغۇ-ھەسرەتتىن چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ. ئۇلار قوللىرىنى تىلىپ، ماتەملىك كىيىملىرىنى كىيىدۇ.


كىيىمىڭلارنى ئەمەس، قەلبىڭلارنى يىرتىپ، ئۆزگىرىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! چۈنكى ئۇ شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدۇ، چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر. بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى خالىمايدۇ.


شۇنىڭدىن كېيىن خانۇن داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈۋەتتى. يەنە ئۇلارنىڭ تونلىرىنىڭ ئاستى تەرىپىنى يانپاشلىرىغىچە كېسىۋېتىپ، ئاندىن ئۇلارنى قوغلىۋەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite