Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 41:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن ئون ئادەم ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، قىلىچلىرىنى چىقىرىپ، شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا، يەنى بابىل پادىشاھى بۇ زېمىننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 41:2
12 Referans Kwoze  

لېكىن كۈز كەلگەندە پادىشاھ جەمەتىدىن بولغان نىتانيانىڭ ئوغلى، يەنى ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى ئىسمائىل ئۆزىگە ئون ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ، مىزپاھقا كېلىپ، گىداليانى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى يەھۇدىيەلىكلەر بىلەن بابىللىقلارنى قەتل قىلدى.


يەرەمىيا بۇ يەردىن كېتىشكە تەمشىلىۋاتقاندا، قاراۋۇللار باشلىقى مۇنۇلارنى قوشۇپ قويدى: _ بۇ يەردە قالىدىغان بولساڭ، شافاننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانىڭ يېنىغا بارغىن. بابىل پادىشاھى ئۇنى يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن. قايتىپ كېتىپ ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ياشىغىن ياكى نەگە بېرىشنى ئۆزۈڭ تاللىغىن. ئاندىن قاراۋۇللار باشلىقى يەرەمىياغا ئازراق يېمەكلىك ۋە سوۋغات بېرىپ، ئۇنى يولغا سالدى.


قالغان يەھۇدىيە قوشۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ سەركەردىلىرى دالالاردا يوشۇرۇنۇۋالغانىدى. ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى بۇ زېمىنغا ھۆكۈمدار قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇلار يەنە ئۇنىڭ بابىلغا سۈرگۈن قىلىنماي، بۇ زېمىندا قالغان نامرات ئەرلەر، ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىمۇ باشقۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئاڭلىدى.


ياخشىلىقىمغا بەردى يامانلىقنى، سۆيگۈمگە بەردى نەپرەتنى.


ھەتتا ئۆزۈم ئىشەنگەن قەدىناس دوستۇممۇ سېتىۋەتتى مېنى، ئاش-تۇزۇمنى يەپ تۇرۇپمۇ.


ئابنېر ھىبرونغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىنگەندە، يوئاب ئۇنى ئايرىم سۆزلىشەيلى دەپ، شەھەر سېپىلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، ئىنىسى ئاسائېلنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قورسىقىغا خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈردى.


«سىلەر گۇناھلىرىڭلاردىن پاك» دېگەن سۆزۈم ھەممىڭلارغا قارىتىلغان ئەمەس. مەن تاللىغانلىرىمنى بىلىمەن، لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتىلغان: «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ، نېنىمنى يېگەن دوستۇم مەندىن يۈز ئۆرۈدى!» دېگەن بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەك.


شۇنىڭ بىلەن بارلىق سەركەردىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى مىزپاھقا گىداليا بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلدى. بۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل، قارېياخنىڭ ئوغۇللىرى يوخانان ۋە يوناتان، تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سىرايا، نىتوفالىق ئېفاينىڭ ئوغۇللىرى ۋە مائاكالىق يىزانيا قاتارلىق سەركەردىلەر ئىدى.


ئىسمائىل يەنە مىزپاھتا گىداليا بىلەن بىللە تۇرغان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر ۋە ئۇ يەردىكى بابىل لەشكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.


ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئاممون پادىشاھى بائالىسنىڭ نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىلنى سىزنى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ لېكىن ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى.


لېكىن ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانانغا مۇنداق دېدى: _ ئۇنداق قىلما! ئىسمائىل توغرۇلۇق ئېيتقانلىرىڭ يالغان!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite