يەرەمىيا 41:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 ئۇنىڭدىن كېيىن، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى گىبئوندا قۇتقۇزۇپ قالغان ھەممە كىشىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ ئېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا لەشكەرلەر، ئاياللار، بالىلار ۋە بەزى ئەمەلدارلار بار بولۇپ، بۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر ئىدى. Gade chapit la |
يەھۇدىيەنىڭ باشقا يەرلەردىكى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە لەشكەرلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ گىداليانى قېلىپ قالغان ئاھالىلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى مىزپاھقا كەلدى. ئۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان، نىتوفالىق تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سىرايا، مائاكا جەمەتىدىن بولغان يائازانيا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئىدى.