Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 40:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 لېكىن مەن ھازىر قولۇڭدىكى كىشەنلەرنى ئېلىۋېتىپ، سېنى قويۇۋېتىمەن. ئەگەر سەن مەن بىلەن بىرگە بابىلغا كېتىشنى خالىساڭ، مەن سېنىڭ ھالىڭدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن. ئەگەر بابىلغا كېتىشنى خالىمىساڭ، بۇ يەردە قالساڭمۇ بولىدۇ. بۇ زېمىندا نەگە بارغۇڭ بولسا، شۇ يەرگە بارساڭ بولىدۇ. قەيەرگە بېرىشنى ئۆزۈڭ تاللىغىن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 40:4
8 Referans Kwoze  

ئۇ ئىبراھىمغا: _ قارا، بۇ مېنىڭ زېمىنىم، سەن قەيەردە ياشاشنى خالىساڭ، شۇ يەردە ياشىغىن، _ دېدى.


ئايرىلىپ ياشايلى. مانا، پۈتۈن زېمىن سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ. خالىغان يەرنى تاللا! ئوڭ تەرەپنى تاللىساڭ، سول تەرەپ ماڭا قالسۇن، سول تەرەپنى تاللىساڭ، ئوڭ تەرەپ ماڭا قالسۇن، _ دېدى.


مىسىرنىڭ زېمىنى ئۇلارنىڭمۇ زېمىنىدۇر. ئۇلار مىسىرنىڭ قەيېرىدە تۇرۇشنى خالىسا، شۇ يەردە تۇرسۇن، گوشەندە تۇرسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مال بېقىشقا مايىر كىشىلەر بولسا، ئۇلارنى ماللىرىمنى باشقۇرۇشقا قويساڭمۇ بولىدۇ، _ دېدى.


يەرەمىيا: _ يالغان! بابىللىقلارنىڭ قېشىغا بېرىش نىيىتىم يوق! _ دەپ جاۋاب بەردى. لېكىن يىرئىيا يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەي، ئۇنى ئەمەلدارلارنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى.


قاچمىسۇن دەپ، قاماپ قويدى ئۇ مېنى، شۇنچە ئېغىر زەنجىر بىلەن باغلاپ تېنىمنى.


ئۆزلىرى بىزگە: «ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەي» دەپ تاپىلىغانىدىلە.


پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ كۈمۈشلەرمۇ، بۇ خەلقمۇ ساڭا مەنسۇپ بولسۇن، ئۇلارنى قانداق قىلىمەن دېسەڭ، شۇنداق قىلغىن! _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite