Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 40:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ھازىر ئۇ ئۆزى دېگىنىدەك بۇ بالايىئاپەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇردى. چۈنكى سىلەر گۇناھ قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئاپەتلەر بېشىڭلارغا كەلدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 40:3
12 Referans Kwoze  

گۇناھىڭغا توۋا قىلماي، جاھىللىق قىلىشىڭ بىلەن خۇدانىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغايسەن. خۇدا غەزەپكە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئادىل ھۆكۈمىنى يۈرگۈزىدىغان كۈنى، سەن ئۆز بېشىڭغا ئۆزۈڭ چىققان بولىسەن.


ئۇلار بىلەن ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى: ‹بىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ گۇناھ قىلمىدۇق. ئۇلار پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھەقىقىي يايلىقىدۇر، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىغانىدى.› دەيدۇ.


مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئايەتلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغان يەھۇدىيلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداق بولغاندا، يەھۇدىيلار ھەم يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ باھانە كۆرسىتىدىغان ئېغىزلىرى تۇۋاقلىنىدۇ ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلار خۇدانىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ.


سەن بىزنى ھەق جازالىدىڭ. سەن ئىشەنچلىكسەن، لېكىن بىز رەزىللىك قىلدۇق.


ئۇلار ئامانلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، يەنە سېنىڭ نەزىرىڭدىكى يامان ئىشلارنى قىلدى. سەن ئۇلارنى يەنە دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تۇتۇپ بەردىڭ. لېكىن ئۇلار يەنە ساڭا ئىلتىجا قىلسا، سەن ئەرشتىن ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالدىڭ. ئۇلارغا رەھىمىڭ كېلىپ، ئۇلارنى كۆپ قېتىم قۇتۇلدۇردۇڭ.


باشقىلار جاۋاب بېرىپ: «چۈنكى بۇ زېمىندىكى خەلق، ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىدىن يۈز ئۆرۈپتۇ. بۇ ئەھدىنى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن تۈزگەنىكەن.


سىلەر بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزدۈڭلار! سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار! ئۇنىڭ قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرى بويىچە ياشىمىدىڭلار! شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بالايىئاپەتلەر بېشىڭلارغا كەلدى.


مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزۈم ئۆستۈرگەن بۇ زەيتۇن دەرىخىنى ۋەيران قىلىشقا ئىرادە قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى بائالنىڭ بۇتلىرىغا قۇربانلىق قىلىشتەك رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى قوزغىدى.


باشقا ئەللەردىن كەلگەن كىشىلەر بۇ شەھەردىن ئۆتكەندە، بىر-بىرىدىن: ‹پەرۋەردىگار نېمىشقا بۇ بۈيۈك شەھەرنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندۇ؟› دەپ سورىشىدۇ.


_ كۇش يۇرتىدىن بولغان ئەبەد-مەلەككە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن بۇ شەھەرگە تەھدىت سېلىپ ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. مەن گۈللىنىش ئەمەس، ئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. سەن يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرىسەن.


پەرۋەردىگار ئورۇندىدى پىلانىنى، ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بۇرۇن قىلغان سۆزىنى، ئۇ رەھىم قىلماي يوقاتتى سېنى، مەغلۇبىيىتىڭدىن شادلاندۇرۇپ دۈشمىنىڭنى، تېخىمۇ كۈچلەندۈردى رەقىبىڭنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite