Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 40:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 كېيىن قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان مىزپاھتىكى گىداليا بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ، مۇنداق دېدى: _ مېنىڭ نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىلنى ئۆلتۈرۈشۈمگە ئىجازەت بېرىڭ. كىمنىڭ قىلغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ. بولمىسا ئۇ سىزنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئەتراپىڭىزغا يىغىلغان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر تارقىلىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قالغان يەھۇدىيە خەلقىمۇ تۈگەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 40:15
10 Referans Kwoze  

ئەمما مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي داۋۇتقا ياردەم بەردى. ئابىشاي ھېلىقى فىلىستىيەلىك پالۋان بىلەن ئېلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى. بۇ چاغدا داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ ئىسرائىلىيەنىڭ چىرىغى ئۆچۈپ قالمىسۇن. بۇنىڭدىن كېيىن جەڭگە چىقمىسىلا، _ دېيىشتى.


ئابىشاي داۋۇتقا: _ بۈگۈن پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭىزنى قولىڭىزغا تاپشۇرۇپتۇ. ئەمدى ئىجازەت بېرىڭ، ئۇنى نەيزە بىلەن يەرگە مىخلاپ قوياي. بىرلا سانجىسام بولدى، ئىككىنچى سانجىشىمنىڭ ھاجىتى يوق! _ دېدى.


پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئۆلۈشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدىكەنسىلەر، - دېدى.


ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ بىزنىڭ تەلىپىمىزگە قۇلاق سېلىپ، بۇ زېمىندا قالغان بىزلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز. بۇرۇن سانىمىز كۆپ ئىدى، لېكىن ھازىر سىز كۆرگەندەك، پەقەت نەچچىمىزلا قالدۇق.


چېدىرىمدىكىلەر ئەزەلدىن مېنىڭ باشقىلارنى ئاچ قالدۇرمىغىنىمغا گۇۋاھتۇر.


ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ ئۆزلىرى جەڭگە چىقسىلا بولمايدۇ. ئەگەر بىز جەڭدە چېكىنمەكچى بولۇپ قالساق، دۈشمەنلىرىمىز بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ، ھەتتا يېرىمىمىز قىرىلىپ كەتسەكمۇ ئۇلارغا بەرىبىر. ئۆزلىرىنىڭ جېنى بىزدەك تۈمەن ئادەمنىڭ جېنىدىن قىممەتلىكتۇر. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۆزلىرى شەھەردە قېلىپ، بىزگە ياردەمچى ئەۋەتىپ تۇرغايلا، _ دېيىشتى.


داۋۇتنىڭ ئادەملىرى: _ پەرۋەردىگار سىزگە: «دۈشمىنىڭنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، قانداق قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىل» دېگەنىدى، قاراڭ، مانا بۈگۈن شۇ پەيت كەلدى! _ دېدى داۋۇتقا. داۋۇت ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، سائۇلنىڭ تونىنىڭ ئېتىكىدىن تۇيدۇرماي بىر پارچە كېسىۋالدى،


شۇنىڭ بىلەن بارلىق سەركەردىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى مىزپاھقا گىداليا بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلدى. بۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل، قارېياخنىڭ ئوغۇللىرى يوخانان ۋە يوناتان، تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سىرايا، نىتوفالىق ئېفاينىڭ ئوغۇللىرى ۋە مائاكالىق يىزانيا قاتارلىق سەركەردىلەر ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite