Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 40:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئاممون پادىشاھى بائالىسنىڭ نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىلنى سىزنى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ لېكىن ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 40:14
15 Referans Kwoze  

ئاندىن ئىسمائىل يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا قالغان قىز-ئاياللار ۋە مىزپاھتا قالغان باشقا بارلىق كىشىلەرنى تۇتۇپ، ئاممون زېمىنىغا قاراپ، قېچىپ كەتتى. قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان بۇ كىشىلەردىن خەۋەر ئېلىشىنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىدالياغا تاپشۇرغانىدى.


ئىدوم، موئاب، ئامموننىڭ بارلىق خەلقلىرى،


قوشناڭلارغا ئىشەنمەڭلار، دوستلىرىڭلارغا تايانماڭلار، ھەتتا قوينۇڭلاردىكى ئاياللىرىڭلارغىمۇ ئاغزىڭلار چىڭ بولسۇن.


نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن ئون ئادەم ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، قىلىچلىرىنى چىقىرىپ، شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا، يەنى بابىل پادىشاھى بۇ زېمىننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.


شۇنىڭ بىلەن بارلىق سەركەردىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى مىزپاھقا گىداليا بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلدى. بۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل، قارېياخنىڭ ئوغۇللىرى يوخانان ۋە يوناتان، تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سىرايا، نىتوفالىق ئېفاينىڭ ئوغۇللىرى ۋە مائاكالىق يىزانيا قاتارلىق سەركەردىلەر ئىدى.


گەرچە رەزىللەرگە شەپقەت قىلىنسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ھەققانىي يولنى بىلمەيدۇ. ئۇلار دۇرۇسلار ياشايدىغان بۇ زېمىندا گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىۋېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئويلىمايدۇ.


قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە دالالاردا يوشۇرۇنۇۋالغان قوشۇن سەركەردىلىرى مىزپاھتىكى گىداليانىڭ يېنىغا كەلدى.


شۇ يىلنىڭ كۈز پەسلىدە ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى، يەنى نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئون ئادەمنى باشلاپ، مىزپاھ شەھىرىدىكى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانىڭ يېنىغا باردى. ئىسمائىل پادىشاھ جەمەتىدىن بولۇپ، پادىشاھ زىدقىيانىڭ باش سەركەردىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇلار مىزپاھتا گىداليا بىلەن غىزالىنىۋاتقاندا،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite