Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 40:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە دالالاردا يوشۇرۇنۇۋالغان قوشۇن سەركەردىلىرى مىزپاھتىكى گىداليانىڭ يېنىغا كەلدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 40:13
5 Referans Kwoze  

قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ھوشايانىڭ ئوغلى يىزانيا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى ۋە ھەرقايسى تەبىقىدىكى كىشىلەر پەيغەمبەر يەرەمىيانىڭ يېنىغا باردى.


شۇنىڭ بىلەن بارلىق سەركەردىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى مىزپاھقا گىداليا بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلدى. بۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل، قارېياخنىڭ ئوغۇللىرى يوخانان ۋە يوناتان، تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سىرايا، نىتوفالىق ئېفاينىڭ ئوغۇللىرى ۋە مائاكالىق يىزانيا قاتارلىق سەركەردىلەر ئىدى.


شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر يەھۇدىيە زېمىنىغا قايتىپ كېلىپ، مىزپاھتىكى گىداليانىڭ يېنىغا كەلدى. ئاندىن ئۇلار زېمىندا ماكانلىشىپ، ئۈزۈم ۋە يازلىق مېۋىلەردىن ھوسۇل ئالدى.


ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئاممون پادىشاھى بائالىسنىڭ نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىلنى سىزنى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ لېكىن ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى.


شۇ يىلنىڭ كۈز پەسلىدە ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى، يەنى نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئون ئادەمنى باشلاپ، مىزپاھ شەھىرىدىكى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانىڭ يېنىغا باردى. ئىسمائىل پادىشاھ جەمەتىدىن بولۇپ، پادىشاھ زىدقىيانىڭ باش سەركەردىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇلار مىزپاھتا گىداليا بىلەن غىزالىنىۋاتقاندا،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite