Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 40:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 يەرەمىيا كىشەنلىنىپ، بابىلغا سۈرگۈن قىلىنماقچى بولغان يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە ئاھالىلىرى بىلەن بىرگە راماھ شەھىرىگە ئېلىپ كېتىلدى. ئۇ يەردە قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان ئۇنى قويۇپ بەردى. ئاندىن پەرۋەردىگار قاراۋۇللار باشلىقى ئارقىلىق يەرەمىياغا سۆز قىلدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 40:1
14 Referans Kwoze  

مەن بۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىش سەۋەبىدىن كىشەنلەنگەن ئەلچىمەن. مېنىڭ خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن دۇئا قىلغايسىلەر. چۈنكى، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمدۇر.


لېكىن، پاۋلۇس: - سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا قايغۇرۇپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەببىمىز ئەيسا ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشقىلا ئەمەس، ئۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، - دەپ جاۋاب بەردى.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «راماھ شەھىرىدىن قاتتىق قايغۇ-ھەسرەتلىك يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. راھىلە بالىلىرى ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتى. ئۇنىڭغا تەسەللى كار قىلمىدى، چۈنكى ئۇ بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى.»


يەنە گىبئون، راماھ، بەئەروت،


شۇ سەۋەبتىن، مەن ھەربىرىڭلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ۋە بۇ ھەقتە سۆزلىشىش ئۈچۈن، سىلەرنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلدىم. شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، خەلقىمىز كۈتۈپ كەلگەن قۇتقۇزغۇچىغا ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈنلا، بۇ زەنجىر بىلەن باغلىنىپ، تۇتقۇن بولۇپ قالدىم.


پاچاقلاپ تاشلىدى ئۇ تۇچ دەرۋازىلارنى، چېقىپ تاشلاپ تۆمۈر تاقاقلارنى.


ئۆي-ئۇچاقلىق قىلار خۇدا غېرىبلارنى، ئازاد قىلىپ، مۇنبەت يەرگە باشلار سۈرگۈنلەرنى، لېكىن، قاغجىراق يەرگە قالدۇرار بويسۇنمىغانلارنى.


ئاندىن يۇرتى راماھقا قايتىپ، ئۇ يەردىمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلاتتى. ئۇ راماھتا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالدۇردى.


ئاندىن قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان شەھەردە قالغان پۇقرالارنى ئەسىرگە ئېلىپ، تەسلىم بولغان كىشىلەر بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلدى.


سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 12-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى يېرۇسالېمدىن قېچىپ چىققان بىرى بابىلغا كېلىپ ماڭا: _ شەھەر گۇمران بولدى، _ دېدى.


يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 36-يىلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا يەھۇدىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ، راماھنى بېسىۋالدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيەگە كىرىپ چىقىشىنى توسۇش ئۈچۈن راماھ شەھىرىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى.


ئون كۈندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا جاۋاب كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite