25 مەن تۆت ئەتراپقا قارىدىم، ئادەم يوق ئىدى، ئاسماندىكى جىمى قۇشلار ئۇچۇپ كەتكەنىدى.
قاچانغىچە زېمىنىمىز قۇرغاقلىشىپ، دالالاردىكى ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىدۇ؟ بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، ھايۋانلار ۋە قۇشلار ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ كىشىلەر: «بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزنى خۇدا كۆرمەيدۇ» دەيدۇ.
شۇڭا بۇ زېمىن ھازا تۇتماقتا. بۇ زېمىندا ياشايدىغان بارلىق خەلق ئاجىزلىشىدۇ. دالادىكى ياۋايى ھايۋانلار، ئاسماندىكى قۇشلار، ھەتتا دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يوقايدۇ.
مەن مۇنداق دېدىم: «تاغلار ئۈچۈن نالە قىلىپ ياش تۆكىمەن. مەن كەڭ كەتكەن يايلاقلار ئۈچۈن ماتەم تۇتىمەن. ئۇلار ۋەيران بولغانلىقىدىن ھېچكىم ئۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ. كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ. ھەتتا ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان قۇشلار ۋە دالالاردىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ قېچىپ كېتىدۇ.»
دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، يەر يۈزىدىكى ياۋايى ھايۋانلار، ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە ئىنسانلار ئالدىمدا غال-غال تىترەيدۇ. تاغلار غۇلايدۇ، قىيالار يېرىلىدۇ، سېپىللار ئۆرۈلىدۇ.
شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، ئۇلارنى مۇشۇ رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالايمەن. مۇشۇنداق بىر خەلقتىن قىساس ئالمامدىمەن؟»