Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 39:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئاندىن قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان شەھەردە قالغان پۇقرالارنى ئەسىرگە ئېلىپ، تەسلىم بولغان كىشىلەر بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 39:9
20 Referans Kwoze  

يەرەمىيا كىشەنلىنىپ، بابىلغا سۈرگۈن قىلىنماقچى بولغان يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە ئاھالىلىرى بىلەن بىرگە راماھ شەھىرىگە ئېلىپ كېتىلدى. ئۇ يەردە قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان ئۇنى قويۇپ بەردى. ئاندىن پەرۋەردىگار قاراۋۇللار باشلىقى ئارقىلىق يەرەمىياغا سۆز قىلدى.


شۇ ئارىلىقتا مىدياندىن كەلگەن ھېلىقى سودىگەرلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئاپىرىپ، پىرئەۋننىڭ بىر ئەمەلدارى، يەنى ياساۋۇللار باشلىقى پوتىفارغا سېتىۋەتتى.


نىبۇزارئادان ئۇلارنى خامات رايونىدىكى رىبلاھتا تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى.


چۈنكى پەرۋەردىگار: «مەن ھازىر بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى تاشلىۋەتمەكچى. ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كۈلپەت ياغدۇرىمەن، تاكى ئۇلار ھېس قىلىپ يەتكۈچە» دېدى.


نىبۇزارئادان ئۇلارنى خامات رايونىدىكى رىبلاھتا تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى.


ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان شەھەردە قالغان ئاھالىلەرنى، بابىل پادىشاھىغا بۇرۇن تەسلىم بولغانلارنى ھەم شەھەر ئەتراپىدا قالغان خەلقنى يالاپ ئېلىپ كەتتى.


شۇڭا مەن سىلەرنى بۇ زېمىندىن قوغلاپ، سىلەر بىلمەيدىغان، ھەتتا ئەجدادلىرىڭلارمۇ بىلمىگەن باشقا بىر زېمىنغا ئاپىرىپ تاشلايمەن. ئۇ يەردە سىلەر كېچە-كۈندۈز بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر. چۈنكى مەن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەيمەن.›»


خەلقىم مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن سۈرگۈن قىلىنىدۇ. يۈز-ئابرۇيلۇقلار ۋە پۇقرالار ئاچلىقتىن، ئۇسسۇزلۇقتىن ھالاك بولىدۇ.


ئۆز ئەۋلادلىرىڭدىنمۇ بەزىلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇلار بابىلغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئاختا قىلىنىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا خىزمەتكە سېلىنىدۇ.»


پەرۋەردىگار سىلەرنى باشقا ئەللەرگە تارقىتىۋېتىدۇ. ئۇ ئەللەردە پەقەت بىر قىسمىڭلارلا ئامان قالىسىلەر.


مەن قىلىچىمنى يالىڭاچلاپ، ئارقاڭلاردىن قوغلايمەن، سىلەرنى باشقا ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن. زېمىنىڭلار چۆللۈككە، شەھەرلىرىڭلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.


لېكىن مەن ساڭا ئېيتايكى، ناچار ئەنجۈرلەر يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى، يېرۇسالېمدا قالغان كىشىلەر ۋە مىسىردا ياشايدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. مەن ئۇلارغا خۇددى سېسىپ يېگىلى بولمايدىغان ناچار ئەنجۈرلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمەن.


پادىشاھ زىدقىيا يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ مەن بابىللىقلارنىڭ تەرىپىگە ئۆتكەن يەھۇدىيەلىكلەردىن قورقىمەن. بابىللىقلار مېنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرسە، ئۇلار مېنى قىينىشى مۇمكىن.


بابىل پادىشاھى ئۇلارنى رىبلاھتا ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ يەھۇدىيە خەلقى سۈرگۈن قىلىنىپ، ئۆز زېمىنىدىن ئايرىلدى.


قالغان يەھۇدىيە قوشۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ سەركەردىلىرى دالالاردا يوشۇرۇنۇۋالغانىدى. ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى بۇ زېمىنغا ھۆكۈمدار قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇلار يەنە ئۇنىڭ بابىلغا سۈرگۈن قىلىنماي، بۇ زېمىندا قالغان نامرات ئەرلەر، ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىمۇ باشقۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئاڭلىدى.


ياساۋۇللار باشلىقى ئاريوك ئۇلارنى قەتل قىلىش ئۈچۈن كەلدى. دانىيال ئۇنىڭدىن زېرەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite