Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 39:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئاندىن ئۇ زىدقىيانىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 39:7
10 Referans Kwoze  

مەن تور يېيىپ، ئۇنى تۇتۇپ، بابىللىقلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كېلىمەن، لېكىن ئۇ بابىللىقلارنىڭ زېمىنىنى كۆرەلمەيدۇ ۋە شۇ يەردە ئۆلىدۇ.


ئاندىن ئۇ زىدقىيانىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى ۋە ئۇنى زىندانغا تاشلىدى. ئۇ تاكى ئۆلگۈچە شۇ يەردە تۇردى.


ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ باردى.


فىلىستىيەلىكلەر ئۇنى تۇتۇپ، كۆزلىرىنى ئويۇۋېلىپ، گازاغا ئېلىپ كەلدى. ئۇنى تۇچ زەنجىر بىلەن كىشەنلەپ، زىندانغا تاشلاپ ئۇن تارتىشقا سالدى.


پەرمانلىرىڭغا ئەمەل قىلىمەن، مېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمىگىن.


ئەي پاشكۇر، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ساڭا ۋە دوست-بۇرادەرلىرىڭغا ۋەھىمە سالىمەن. دوستلىرىڭنى دۈشمەنلىرى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن. مەن پۈتكۈل يەھۇدىيە خەلقىنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. بابىل پادىشاھى ئۇلارنى ئەسىرگە ئېلىپ، بابىلغا يالاپ، ئېلىپ كېتىدۇ ياكى ئۇلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ.


سەن ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. سەن چوقۇم تۇتقۇن بولۇپ، ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن. سەن نىبۇكادنەزەرنىڭ ئالدىدا يۈزمۇيۈز تۇرۇپ، جاۋاب بېرىشكە دۇچ كېلىسەن. ئاندىن ئۇلار سېنى بابىلغا ئېلىپ بارىدۇ.


مەن يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانى ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندەك، مىسىر پادىشاھى خوفرانىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite