Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 39:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 بىراق بابىللىقلارنىڭ قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىگە كەلگەندە، بابىل قوشۇنلىرى پادىشاھ زىدقىيانى تۇتۇۋالدى. ئۇلار ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تۇرۇۋاتقان خامات رايونىدىكى رىبلاھقا ئېلىپ كەلدى. بابىل پادىشاھى ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 39:5
26 Referans Kwoze  

پىرئەۋن نىكو يوئاخازنىڭ يېرۇسالېمدىكى پادىشاھلىقىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە زىندانغا تاشلىدى. كېيىن ئۇنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى، ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. پىرئەۋن نىكو يوشىيانىڭ يەنە بىر ئوغلى ئەلياقىمنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، ئىسمىنى يىھوياقىمغا ئۆزگەرتتى. ئۇ يەھۇدىيەگە 3500 كىلو كۈمۈش ۋە 35 كىلو ئالتۇن سېلىق سالدى.


شۇ ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە ئىسرائىللار ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدىكى گىلگالدا قۇرغان قارارگاھتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.


ئاياللىرىڭ ۋە بالىلىرىڭ بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. سەنمۇ ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. بابىل پادىشاھى سېنى ئەسىرگە ئېلىپ، بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.


ئەمما سەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا تەسلىم بولمىساڭ، بۇ شەھەر بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئۇلار بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. سەنمۇ ئۇلارنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن.»


ئۇرۇشقا تەييارلانغان 40‏ مىڭچە قوراللىق ئادەم دەريادىن ئۆتۈپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىگە كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا يار ئىدى.


پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ _ ھاياتىمىزنىڭ يىلتىزى چۈشتى ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا. ئۈمىد قىلغانىدۇق بىز ئەسلى، ياشايمىز دەپ ئەللەر ئارا پادىشاھىمىزنىڭ سايىسىدا.


يەھۇدىيە خەلقى ئازاب چەكتى، قۇل بولدى، سۈرگۈن بولۇپ يىراقلارغا، يات ئەلگە، تاپالمىدى باش تىققۇدەك بىرەر ماكان ئۆزلىرىگە. تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان چاغدا ئۇلار، ئەسىرگە چۈشتى قوغلاپ كەلگەن دۈشمەنلىرىگە.


بەلكى ئۇ مەن چىقارغان ناھايىتى كۈچلۈك بىر بوراندۇر. مەن ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن.» دەيدۇ.


شۇڭا پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سەركەردىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدۇردى. ئۇلار ماناسسەنى تۇتقۇن قىلىپ، بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ، تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.


بابىللىقلار پادىشاھ زىدقىيانى تۇتۇپ، خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. بابىل پادىشاھى شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى.


ئاسسۇر پادىشاھى بابىل، كۇتاھ، ئىۋۋاھ، خامات ۋە سىفارۋايىم قاتارلىق شەھەرلەردىن ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئورنىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلار سامارىيە ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، ئۇ يەرلەردە ماكان تۇتتى.


خامات پادىشاھى توئۇ داۋۇتنىڭ ھادادئەزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ،


بۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بەگلىكى، پۈتۈن كەنئانلار، سىدونلۇقلار ۋە بائال-خەرمون تېغىدىن لىبو-خاماتقىچە سوزۇلغان لىۋان تاغلىق رايونىدا ياشايدىغان خىۋلار ئىدى.


يەنە گىبال خەلقىنىڭ زېمىنىنى، خەرمون تاغلىرىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان بائالگاد شەھىرىدىن تارتىپ، لىبو-خامات شەھىرىگىچە بولغان لىۋان تاغلىرىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلارنى


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چارلاپ شىمالغا قاراپ ماڭدى. جەنۇب تەرەپتىكى زىن چۆلىدىن تارتىپ تاكى شىمال تەرەپتىكى لىبو-خامات يېنىدىكى رىخوب شەھىرىگىچە باردى.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇنىڭدىن كېيىن مەن، پادىشاھ زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە بۇ شەھەردە كېسەل، ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتىن ئامان قالغانلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۇلارنى قىرغىن قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق ئىچ ئاغرىتىش، ھېسداشلىق ياكى شەپقەت قىلمايدۇ.›»


لېكىن مەن ساڭا ئېيتايكى، ناچار ئەنجۈرلەر يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى، يېرۇسالېمدا قالغان كىشىلەر ۋە مىسىردا ياشايدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. مەن ئۇلارغا خۇددى سېسىپ يېگىلى بولمايدىغان ناچار ئەنجۈرلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمەن.


مەن يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانى ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندەك، مىسىر پادىشاھى خوفرانىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.»


بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ دەمەشق توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر: «خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرى شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغانلىقتىن چۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ئۆرلىگەن دېڭىز دولقۇنلىرىدەك تىنچلىنالمايدۇ، قورقۇنچقا تولىدۇ.


ئۇلار شىمالدىن جەڭ ھارۋىلىرى، ئوزۇق-تۈلۈك ھارۋىلىرى ۋە زور قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ، ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار قوللىرىغا چوڭ-كىچىك قالقان ئالغان، باشلىرىغا دۇبۇلغا كىيگەن بولۇپ، تۆت تەرەپتىن سېنى قورشاۋغا ئالىدۇ. ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىنى ئۇلارغا بېرىمەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە سېنى جازالايدۇ.


ئۇلار قورقۇنچلۇق، ۋەھشىي خەلقتۇر. ئۇلار ئىنتايىن ھاكاۋۇر بولۇپ، قانداق خالىسا، شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ.


سىلەرنىڭ سەركەردىلىرىڭلار بىرلىكتە قاچتى، ئۇلارغا بىرمۇ ئوقيا ئېتىلماي تۇتۇلدى. ئۇلار قانچىلىك يىراققا قاچقان بولسۇن، ھەممىسى تەسلىم بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite