Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 39:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇلارنى كۆرۈپ، قاچماقچى بولدى. ئۇلار شۇ كېچىسى شەھەردىن ئايرىلىپ، پادىشاھ باغچىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق شەھەردىن چىقىپ، ئىئوردان ۋادىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 39:4
17 Referans Kwoze  

يەل تاپانلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ھەتتا كۈچلۈكلەرنىڭمۇ قارشى تۇرۇشقا ماغدۇرى يەتمەيدۇ. باتۇر لەشكەرلەرمۇ ئۆز جېنىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.


خىزكىيا بۇزۇلغان شەھەر سېپىللىرىنى ياسىتىش قارارىغا كەلدى. مۇنارلارنى ئېگىزلەتتى. شەھەر سېپىلىنىڭ سىرتىغا يەنە بىر قات سېپىل سالدۇردى. «داۋۇت شەھىرى»دىكى «تىندۇرۇلغان يەر»نىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە قالقانلار ياساتتى.


يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ نەرسە-كېرەكلىرىنى يۈدۈپ، كېچىدە يولغا چىقىپ، تامنىڭ تۆشۈكىدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئۇ يۇرتىنى كۆرمەسلىكى ئۈچۈن يۈز-كۆزىنى ئېتىۋالىدۇ.


ئۇ سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سىلەر دۈشمىنىڭلارغا بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلار جېنىڭلارنى تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىسىلەر. تەقدىرىڭلاردىن ئالەمدىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈيدۇ.


ئاراڭلاردىن ھايات قالغىنىڭلارنى دۈشمەن ئەللەردە ۋەھىمىگە سالىمەن، سىلەر غازاڭلارنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىدىنمۇ دەھشەتكە چۈشىسىلەر. خۇددى قىلىچلىق ئادەمدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغاندەك قاچىسىلەر. ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ، يىقىلىپ چۈشىسىلەر.


مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەر دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىسىلەر. سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قورقۇپ جېنىڭلارنى ئېلىپ قاچىسىلەر.


سىلەر كونا كۆلنىڭ سۈيىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئىككى سېپىلنىڭ ئارىسىغا بىر كۆل ياسايسىلەر. ئەمما سىلەر ئاشۇ شەھەرنى سالغان پەرۋەردىگارغا يۈزلەنمەيسىلەر، شۇنداقلا بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ بۇرۇنلا پىلانلىغانلىقىنى ئويلىمايسىلەر.


يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا بابىللىقلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇ جەزمەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇ نىبۇكادنەزەرنىڭ ئالدىدا يۈزمۇيۈز تۇرۇپ، جاۋاب بېرىشكە دۇچ كېلىدۇ.


خۇددى سۈرگۈنگە تەييارلانغان ئادەمدەك، كۈندۈزى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يىغىشتۇر. گۇگۇم ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا خۇددى سۈرگۈن قىلىنغاندەك ماڭ.


سىلەرنىڭ سەركەردىلىرىڭلار بىرلىكتە قاچتى، ئۇلارغا بىرمۇ ئوقيا ئېتىلماي تۇتۇلدى. ئۇلار قانچىلىك يىراققا قاچقان بولسۇن، ھەممىسى تەسلىم بولدى.


ئەمما مەن ئارىئېلنى بىر مۈشكۈلاتقا دۇچار قىلىمەن، بۇ شەھەر پەرياد كۆتۈرۈپ، نالە قىلسۇن. مەن بۇ يەرنى قۇربانلىق سۇپىسى قىلىمەن.


زىدقىيا بابىلغا يالاپ ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇ يەردە تاكى مەن ئۇنى جازالاپ بولغۇچە تۇرىدۇ. سىلەر بابىللىقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلساڭلارمۇ، يېڭەلمەيسىلەر.›»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite