17 لېكىن ۋەيرانچىلىق يۈز بەرگەندە، سېنى قۇتقۇزىمەن. مەن كاپالەتلىك قىلىمەنكى، سەن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالمايسەن.
چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا، قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.»
ئۇلار ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ، بىراق ئۇلار سېنى يېڭەلمەيدۇ. مەن ساڭا يار بولىمەن، سېنى قۇتقۇزىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
داۋۇت گادقا مۇنداق دېدى: _ مەن ئېغىر ئەھۋالدا قالدىم. قانداقلا بولمىسۇن، بىز ئىنسانلارنىڭ قولىغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەيلى. چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقەتلىكتۇر.
_ ئەي پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇ كىشىلەر يەرەمىيا پەيغەمبەرنى قۇدۇققا تاشلاپ، ناھايىتى يامان ئىش قىلدى. شەھەردە ئاشلىق تۈگەپ قالغان ئەھۋالدا، ئۇ جەزمەن ئۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ.
بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن پەرۋەردىگار ئىبرامغا چېدىردا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ: _ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولىمەن ۋە ساڭا ناھايىتى زور ئىنئام ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.
بىراق، پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بولغان بۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىلغىنىڭلار دەل ماڭا قىلغىنىڭلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى تۇتۇپ كېلىپ، شىر سولانغان ئورەككە تاشلاشقا بۇيرۇدى ھەمدە پادىشاھ دانىيالغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدا سېنى قۇتقۇزغاي!
ماتاننىڭ ئوغلى شىفاتيا، پاشخۇرنىڭ ئوغلى گىداليا، شەلەميانىڭ ئوغلى يىھۇكال ۋە مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇر قاتارلىق كىشىلەر يەرەمىيانىڭ خەلققە نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. يەرەمىيا مۇنداق دېگەنىدى:
ئەمما ئىلياس ئۇنىڭغا: _ مەن خىزمىتىنى قىلىدىغان، مەڭگۈ ھايات، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن بۈگۈن ئۆزۈمنى جەزمەن ئاخابقا كۆرسىتىمەن، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئوبادىيا ئاخابنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىلياسنىڭ خەۋىرىنى بەردى. ئاخاب ئىلياس بىلەن كۆرۈشكىلى باردى.
ئېلىشا: _ قورقمىغىن، بىز بىلەن بىرگە بولىدىغانلار ئۇلار بىلەن بىرگە بولىدىغانلاردىن كۆپ، _ دېدى.