Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 38:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەرەمىيانى تۇتۇپ كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئوغلى مالكىياغا تەۋە بىر قۇدۇققا تاشلىدى. بۇ قۇدۇق قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا ئىدى. ئۇلار يەرەمىيانى ئېلىپ كېلىپ، قۇدۇقنىڭ ئىچىگە ئارغامچا بىلەن چۈشۈردى. قۇدۇقتا سۇ يوق بولۇپ، پەقەتلا پاتقاق بار ئىدى، يەرەمىيا پاتقاققا پېتىپ قالدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 38:6
19 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ زىدقىيا يەرەمىيانى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا ۋە ئۇنىڭغا ناۋاي كوچىسىدىن تاكى بۇ شەھەردە نان تۈگەپ كەتكۈچە ھەر كۈنى بىر نان ئەكېلىپ بېرىشكە بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ يەرەمىيا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ قالدى.


يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا قالغان بارلىق ئاياللار بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا بېرىلىدۇ. بۇ ئاياللار سېنى مازاق قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئىشەنگەن يېقىن دوستلىرىڭ سېنى ئالدىدى، ئۇلار سېنى باشقۇردى، مانا ئەمدى پۇتلىرىڭ پاتقاققا پاتتى، يېقىن دوستلىرىڭ سەندىن يۈز ئۆرۈدى.»


شۇنداق قىلىپ، يەرەمىيا يوناتاننىڭ ئۆيىدىكى زىنداندا ياتتى. ئۇ بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن قامالدى.


تېگى يوق پاتقاققا پېتىپ كەتتىم، كەلكۈندە غەرق بولۇپ، چوڭقۇرغا چۆكۈپ كەتتىم.


بۇ بۇيرۇق بىلەن گۇندىپاي ئۇلارنى زىنداننىڭ ئىچكىرىدىكى كامېرىغا سولاپ، پۇتلىرىغا ئىشكەل سالدى.


سىلەر بىلەن قۇربانلىقنىڭ قېنى ئارقىلىق تۈزگەن ئەھدەم بولغانلىقى ئۈچۈن، سۈرگۈندىكى خەلقىڭلارنى سۇسىز ئازگالدىن ئازاد قىلىمەن.


ياخشىلىقىمغا بەردى يامانلىقنى، سۆيگۈمگە بەردى نەپرەتنى.


تارتىۋالدى ئۇ مېنى ھالاكەت گىردابىدىن، چىقىرىۋالدى چوڭقۇر پاتقاق-سازلىقتىن. قورام تاش ئۈستىگە تۇرغۇزۇپ پۇتلىرىمنى، مۇستەھكەم قىلدى مېنىڭ قەدەملىرىمنى.


خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن، سەۋر قىلىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ.


ئەكسىچە ئۇ بەگزادىلەردىن بىرى بولغان يىراخمىئېلنى، ئازرىئېلنىڭ ئوغلى سىرايانى ۋە ئابدىئېلنىڭ ئوغلى شەلەميانى پۈتۈكچى بارۇك ۋە يەرەمىيا پەيغەمبەرنى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇدى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يوشۇرۇپ قويغانىدى.


شۇ ۋاقىتتا بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدىكى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا ئىدى.


شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئارغامچا بىلەن يەرەمىيانى قۇدۇقتىن تارتىپ چىقاردى. ئەمما يەرەمىيا يەنىلا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا قالدى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى تۇتۇپ كېلىپ، شىر سولانغان ئورەككە تاشلاشقا بۇيرۇدى ھەمدە پادىشاھ دانىيالغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدا سېنى قۇتقۇزغاي!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite