Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 38:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 بارلىق ئەمەلدارلار يەرەمىيانىڭ يېنىغا كېلىپ، بۇ ئىش توغرۇلۇق سورىدى. يەرەمىيا ئۇلارغا دەل پادىشاھنىڭ دېگىنى بويىچە جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سوراق قىلىشنى توختايتتى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ پادىشاھ بىلەن قىلغان پاراڭلىرىنى ئاڭلىمىغانىدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 38:27
7 Referans Kwoze  

پاۋلۇس بۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر، يەنە بەزىلىرى پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنى تالاش-تارتىشقا سېلىش ئۈچۈن، ئالىي كېڭەشمىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: - قېرىنداشلار، مەن بولسام پەرىسىيلەردىن بولىمەن ۋە بىر پەرىسىينىڭ ئوغلىمەن. مەن ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىم ئۈچۈنلا بۈگۈن بۇ يەردە سوراققا تارتىلىۋاتىمەن! - دەپ ۋارقىرىدى.


ئېلىشا ئۇلارغا: _ سىلەر خاتا يولدا مېڭىپسىلەر، بۇ سىلەر ئىزدىگەن شەھەر ئەمەس. سىلەر ماڭا ئەگىشىپ مېڭىڭلار، مەن سىلەرنى سىلەر ئىزدەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ يېنىغا ئېلىپ باراي، _ دېدى ۋە ئۇلارنى سامارىيە شەھىرىگە باشلاپ باردى.


ئەمەلدارلار بەلكىم سەن بىلەن پاراڭلاشقانلىقىمدىن خەۋەر تېپىشى مۇمكىن. ئۇلار قېشىڭغا كېلىپ: «سېنىڭ پادىشاھقا ۋە پادىشاھنىڭ ساڭا نېمە دېگەنلىكىنى بىزگە ئېيتىپ بەر. بىزدىن ھېچقانداق ئىشنى يوشۇرما. بولمىسا، سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز» دېيىشى مۇمكىن.


ئەگەر ئۇلار يېنىڭغا كەلسە، سەن ئۇلارغا: «مەن ئۆلۈپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن پادىشاھتىن مېنى يوناتاننىڭ ئۆيىگە ئاپىرىۋەتمەسلىكنى ئۆتۈندۈم» دېگىن.


يەرەمىيا تاكى يېرۇسالېم ئىشغال قىلىنغۇچە قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite