24 ئاندىن زىدقىيا يەرەمىياغا: _ سەن بىزنىڭ پاراڭلاشقان سۆزلىرىمىزنى ھېچكىمگە ئېيتما. ئەگەر باشقىلارغا ئېيتساڭ، ئۆلىسەن.
ئاياللىرىڭ ۋە بالىلىرىڭ بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. سەنمۇ ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. بابىل پادىشاھى سېنى ئەسىرگە ئېلىپ، بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.
ئەمەلدارلار بەلكىم سەن بىلەن پاراڭلاشقانلىقىمدىن خەۋەر تېپىشى مۇمكىن. ئۇلار قېشىڭغا كېلىپ: «سېنىڭ پادىشاھقا ۋە پادىشاھنىڭ ساڭا نېمە دېگەنلىكىنى بىزگە ئېيتىپ بەر. بىزدىن ھېچقانداق ئىشنى يوشۇرما. بولمىسا، سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز» دېيىشى مۇمكىن.
كېيىن پادىشاھ زىدقىيا ئۇنى ئوردىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلەشتى ۋە ئۇنىڭدىن: _ پەرۋەردىگاردىن بىرەر ۋەھىي تاپشۇرۇۋالدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھەئە، تاپشۇرۇۋالدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى يەرەمىيا، ئاندىن، _ سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن، _ دېدى،