Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 38:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 لېكىن سەن تەسلىم بولمىساڭ، پەرۋەردىگار ماڭا غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق كۆرسەتكەن ئىشلار يۈز بېرىدۇ. بۇلار مېنىڭ غايىبانە ئالامەتتە كۆرگەنلىرىمدۇر:

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 38:21
20 Referans Kwoze  

مەيلى ئۇلار ئاڭلىسۇن ياكى ئاڭلىمىسۇن سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز، چۈنكى ئۇلار ئاسىيلاردۇر.


سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىككە دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى، بۇ ئالەمدە ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى مۇسا پەيغەمبەرنى رەت قىلغان ئىسرائىللار بۇنداق قىلىشنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتىكى بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلساق، ئۇ جازادىن بىز قانداقمۇ قۇتۇلالايمىز!؟


لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقتى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا: - ئەگەر سىلەر قۇتقۇزۇلمىساڭلار، مەن جاۋابكار ئەمەس، ئۆزۈڭلار جاۋابكار. بۈگۈندىن باشلاپ، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئەمەس، يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمەن، - دېدى.


لېكىن شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئەگەر مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولساڭلار، سىلەر، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭدا ياشايدىغان كىشىلەر بىر گۇناھسىز ئادەمنىڭ قېنىنى تۆككەن بولىسىلەر. چۈنكى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن مېنى بۇ سۆزلەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن.


ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ سەمىمىيەت ئىزدەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن بۇ كىشىلەرنى جازالىغان بولساڭمۇ، ئۇلار سۆزلىرىڭگە ئېتىبار قىلمىدى. ھەتتا سەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئازلا قالغان چاغدىمۇ، ئۇلار خاتالىقىنى تۈزىتىشنى خالىمىدى. ئۇلار قەلبلىرىنى خۇددى تاشتەك قاتتىق قىلدى. ئۇلار توۋا قىلىشنى خالىمىدى.


ئەجەبا، سەن ئۇنىڭ يولىنى تۇتمىساڭ، خۇدا سېنىڭ رايىڭغا باقامدۇ؟ تاللاشقا دۇچ كەلگىنى سەن، مەن ئەمەسمەن! سەنمۇ پىكىرىڭنى دەپ باققىن.


خۇدا قارارىدا قەتئىي تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قارارىنى كىممۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ خالىغىنى بويىچە ئىش قىلىدۇ.


سەن ماڭا ئورداڭدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى بەرگەن تەقدىردىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەيلى ياخشى ياكى يامان ئىش بولسۇن ئۆزۈمنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش قىلالمايمەن. مەن پەقەت پەرۋەردىگار «سۆزلە» دېگەننى سۆزلەيمەن.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ بۇ خەلق ھېلىغىچە مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمنى رەت قىلىۋاتامدۇ؟


يەرەمىيا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: _ سەن ئۇلارغا تاپشۇرۇلمايسەن. مېنىڭ دېگىنىم بويىچە ئىش قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلغىن. شۇندىلا ھەممە ئىشلىرىڭ ياخشى بولىدۇ ۋە ھاياتىڭ قۇتقۇزۇلۇپ قالىدۇ.


يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا قالغان بارلىق ئاياللار بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا بېرىلىدۇ. بۇ ئاياللار سېنى مازاق قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئىشەنگەن يېقىن دوستلىرىڭ سېنى ئالدىدى، ئۇلار سېنى باشقۇردى، مانا ئەمدى پۇتلىرىڭ پاتقاققا پاتتى، يېقىن دوستلىرىڭ سەندىن يۈز ئۆرۈدى.»


ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ گۇناھىنى تونۇمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite