Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 38:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 ئەمما سەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا تەسلىم بولمىساڭ، بۇ شەھەر بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئۇلار بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. سەنمۇ ئۇلارنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 38:18
20 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شەھەر چوقۇم بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشىدۇ، ئۇلار شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ›».


مەن تور يېيىپ، ئۇنى تۇتۇپ، بابىللىقلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كېلىمەن، لېكىن ئۇ بابىللىقلارنىڭ زېمىنىنى كۆرەلمەيدۇ ۋە شۇ يەردە ئۆلىدۇ.


ئاندىن بابىل پادىشاھىنىڭ بارلىق يۇقىرى ئەمەلدارلىرى شەھەرگە كىرىپ، ئوتتۇرا دەرۋازىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سامگارلىق نېرگال-شارئەزەر، باش سەركەردە نىبۇ-سارسىكىم ۋە باش ئەمەلدار نېرگال-شارئەزەرلەر ۋە باشقىلار بار ئىدى.


ئاياللىرىڭ ۋە بالىلىرىڭ بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. سەنمۇ ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. بابىل پادىشاھى سېنى ئەسىرگە ئېلىپ، بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.


ئاندىن كېيىن بابىل قوشۇنلىرى قايتىپ كېلىپ، بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ئۇنى بېسىۋېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.


يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن ئانىسى، مەسلىھەتچىلىرى، سەركەردىلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بابىل پادىشاھىغا تەسلىم بولدى. بابىل پادىشاھى ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. بۇ بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ سەككىزىنچى يىلى ئىدى.


سىلەرگە ئېيتىمەنكى، مەن بۇ شەھەرگە ئاپەت ياغدۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ شەھەرگە ھېچقانداق ياخشىلىق قىلمايمەن. مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، ئۇ بۇ شەھەرنى كۆيدۈرىدۇ.»


ئەمما قايسىبىر ئەل ياكى پادىشاھلىق ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدا، يەنى خىزمىتىدە بولمىغۇچە، مەن شۇ ئەللەرنى ئۇ ئارقىلىق جازالايمەن. ئۇلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەردە ۋەيران بولىدۇ.


بابىللىقلار پادىشاھ ئوردىسى ۋە خەلقنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى ھەمدە يېرۇسالېم سېپىللىرىنى بۇزۇۋەتتى.


لېكىن يەھۇدىيەگە تىكلەنگەن پادىشاھ بابىل پادىشاھىغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. ئۇ ئەلچىلىرىنى مىسىرغا ئەۋەتىپ، جەڭ ئاتلىرى ۋە لەشكەر سورىدى. ئەمما ئۇنىڭ غەلىبە قىلالىشى مۇمكىنمۇ؟! ئۇ مۇشۇنداق قىلسا جازادىن قانداق قېچىپ قۇتۇلالىسۇن؟! ئۇ ئەھدىنى بۇزغان تۇرسا، جازالانماي قالارمۇ؟!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite