Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 38:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پادىشاھ زىدقىيا يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى پەرۋەردىگار ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۈچىنچى كىرىش ئېغىزىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۆزى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنى بۇيرۇدى. پادىشاھ يەرەمىياغا: _ مەن سەندىن بىر سوئال سورايمەن. ھېچقانداق ئىشنى مەندىن يوشۇرما، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 38:14
11 Referans Kwoze  

كېيىن پادىشاھ زىدقىيا ئۇنى ئوردىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلەشتى ۋە ئۇنىڭدىن: _ پەرۋەردىگاردىن بىرەر ۋەھىي تاپشۇرۇۋالدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھەئە، تاپشۇرۇۋالدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى يەرەمىيا، ئاندىن، _ سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن، _ دېدى،


لېكىن پادىشاھ: _ مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سۆز قىلغىنىڭدا راستچىل بول، دەپ قانچە قېتىم قەسەم قىلدۇردۇم؟ _ دېدى.


سىلەر جانغا زامىن خاتالىق سادىر قىلدىڭلار. چۈنكى سىلەر مېنى «پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلساڭ، پەرۋەردىگارىمىز خۇدا نېمە دېسە، بىز ئۇنىڭ دېگەنلىرى بويىچە شۇنى قىلىمىز» دەپ مېنى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن سوراشقا ئەۋەتتىڭلار.


لېكىن پادىشاھ: _ مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سۆز قىلغىنىڭدا راستچىل بول، دەپ قانچە قېتىم قەسەم قىلدۇردۇم؟ _ دېدى.


ئۇ يەنە ئاسسۇر پادىشاھىنى رازى قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى پەقەت دەم ئېلىش كۈنىلا ئىشلىتىش ئۈچۈن ياسالغان سايىۋەنلىك يولنى ۋە پادىشاھنىڭ ئىبادەتخانىغا سىرتتىن كىرىشى ئۈچۈن ياسالغان كىرىش ئېغىزىنى ئېتىۋەتتى.


شىرەگە تىزىلغان نازۇنېمەتلەرنى، ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز مەنسەپلىرى بويىچە ئولتۇرۇشلىرىنى، خىزمەتكارلىرىنىڭ كۈتۈشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرىنى، ئوردا ساقىيلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرىنى، شۇنداقلا سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران قالدى ۋە


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ ئەي يەرەمىيا، ھالىڭدىن مەن خەۋەر ئالىمەن. دۈشمەنلىرىڭ قىيىنچىلىق ۋە بالايىئاپەتكە ئۇچرىغاندا، يېنىڭغا كېلىپ، سەندىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئۆتۈنىدۇ.


پادىشاھ: _ مەن سەندىن بىر گەپ سوراي، سەن سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بەرگىن، _ دېدى. _ ئالىيلىرى، قېنى، سورىسىلا، _ دېدى ئايال.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite