Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 38:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ كۇش يۇرتىدىن بولغان ئەمەلدار ئەبەد-مەلەككە مۇنداق دەپ بۇيرۇدى: _ بۇ يەردىن ئوتتۇز ئادەمنى ئېلىپ بېرىپ، يەرەمىيا پەيغەمبەرنى قۇدۇقتىن تارتىپ چىقىرىڭلار، ئۇ قۇدۇقتا ئۆلۈپ قالمىسۇن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 38:10
7 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر پادىشاھنىڭ كۆڭلى، باشلار ئۇ ئۆزى خالىغان تەرەپكە ئېرىق سۇيىدەك ئۇنى.


خورىكى چوڭ ماختانچاقلارنىڭ خورىكىنى كېسىۋېتىمەن. بىراق ئادىل-ھەققانىيلارنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرىمەن.


پادىشاھ ئاخاشۋېروش خانىش ئەستىر بىلەن يەھۇدىي موردىكايغا مۇنداق دېدى: _ ھامون يەھۇدىيلارنى قىرىپ تاشلىماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، خادىغا سانجىتتىم ۋە مال-مۈلكىنى ئەستىرگە بەردىم.


پادىشاھ خانىش ئەستىرنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىدا تۇرغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئالتۇن سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەستىر ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھاسىنىڭ ئۇچىنى تۇتتى.


كۇش يۇرتىدىن بولغان ئەمەلدار ئەبەد-مەلەك ئوردىدا يەرەمىيانىڭ قۇدۇققا تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. پادىشاھ بىنيامىن دەرۋازىسىدا سوت ئېچىۋاتقاندا،


_ ئەي پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇ كىشىلەر يەرەمىيا پەيغەمبەرنى قۇدۇققا تاشلاپ، ناھايىتى يامان ئىش قىلدى. شەھەردە ئاشلىق تۈگەپ قالغان ئەھۋالدا، ئۇ جەزمەن ئۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن ئەبەد-مەلەك ئادەملەرنى بىرگە ئېلىپ بېرىپ، ئوردا خەزىنىسىنىڭ ئاستىدىكى ئۆيگە كىردى. ئۇ يىرتىلىپ كەتكەن كونا كىيىملەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئارغامچىغا باغلاپ، قۇدۇقتىكى يەرەمىياغا تاشلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite