Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 37:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6-7 پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا يەرەمىيا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى: _ سېنى مەندىن ياردەم تىلەشكە ئەۋەتكەن يەھۇدىيە پادىشاھىغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «سىلەرگە ياردەم بېرىشكە كەلگەن پىرئەۋننىڭ قوشۇنلىرى مىسىرغا، يەنى ئۆز زېمىنىغا قايتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 37:6
4 Referans Kwoze  

پىرئەۋن قوشۇنلىرى ئاللىقاچان مىسىردىن يولغا چىققان بولۇپ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان، يېرۇسالېمنى قورشاۋاتقان بابىل قوشۇنلىرى يېرۇسالېمدىن چېكىنگەنىدى.)


يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا قارشى ۋەھىي يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، پادىشاھ زىدقىيا ئۇنى ئەيىبلەپ: «سەن نېمىشقا بۇنداق ئىشلار توغرىسىدا ۋەھىي يەتكۈزىسەن؟» دەپ، يەرەمىيانى قاماپ قويغانىدى. يەرەمىيا مۇنداق ۋەھىي يەتكۈزگەنىدى: «بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر: ‹مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ.


بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن دۈشمەنلەر شەھەر سېپىللىرىغا قانچىلىك كۆپ توپىلارنى دۆۋىلەيدۇ-ھە! ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن، بۇ شەھەر ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلارنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. سەن: ‹بۇ ئىشلارنى يۈز بېرىدۇ› دېگەنىدىڭ. مانا، ئەمدى بۇ ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite