يەرەمىيا 37:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى21 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ زىدقىيا يەرەمىيانى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا ۋە ئۇنىڭغا ناۋاي كوچىسىدىن تاكى بۇ شەھەردە نان تۈگەپ كەتكۈچە ھەر كۈنى بىر نان ئەكېلىپ بېرىشكە بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ يەرەمىيا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ قالدى. Gade chapit la |
كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل قاراۋۇلخانىغا مېنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ: _ بىنيامىن زېمىنىغا قاراشلىق ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىمنى سېتىۋالغىن، چۈنكى قانۇن بويىچە ئۇ يەرنى باشقىلارغا سېتىشتىن بۇرۇن سېنىڭ سېتىۋېلىش ھوقۇقۇڭ بار. شۇڭا ئۇ يەرنى ئۆزۈڭ سېتىۋالغىن، _ دېدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ھەقىقەتەن سۆزلىگەنلىكىنى بىلدىم.