20 ئى پادىشاھ ئالەم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، ئۆتۈنۈشۈمنى قوبۇل قىلغىن. مېنى پۈتۈكچى يوناتاننىڭ ئۆيىگە قايتۇرمىغىن، بولمىسا مەن ئۇ يەردە ئۆلۈپ كېتىمەن.
شۇندا، ئۇلار پەرۋەردىگاردىن رەھىم-شەپقەت تىلەپ، قىلىۋاتقان بارلىق رەزىل ئىشلىرىنى توختىتىشى مۇمكىن. چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ خەلققە ئۆزىنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى ياغدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغان.
ئەگەر ئۇلار يېنىڭغا كەلسە، سەن ئۇلارغا: «مەن ئۆلۈپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن پادىشاھتىن مېنى يوناتاننىڭ ئۆيىگە ئاپىرىۋەتمەسلىكنى ئۆتۈندۈم» دېگىن.
لېكىن شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئەگەر مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولساڭلار، سىلەر، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭدا ياشايدىغان كىشىلەر بىر گۇناھسىز ئادەمنىڭ قېنىنى تۆككەن بولىسىلەر. چۈنكى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن مېنى بۇ سۆزلەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن.
يەرەمىيا تاكى يېرۇسالېم ئىشغال قىلىنغۇچە قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇردى.
ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ بىزنىڭ تەلىپىمىزگە قۇلاق سېلىپ، بۇ زېمىندا قالغان بىزلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز. بۇرۇن سانىمىز كۆپ ئىدى، لېكىن ھازىر سىز كۆرگەندەك، پەقەت نەچچىمىزلا قالدۇق.
ئاڭلىغايسەن پەرۋەردىگار ئىلتىجايىمنى، ۋاپا قىلىپ كالامىڭغا قۇتقۇزغىن مېنى.