Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 37:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 كېيىن پادىشاھ زىدقىيا ئۇنى ئوردىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلەشتى ۋە ئۇنىڭدىن: _ پەرۋەردىگاردىن بىرەر ۋەھىي تاپشۇرۇۋالدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھەئە، تاپشۇرۇۋالدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى يەرەمىيا، ئاندىن، _ سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن، _ دېدى،

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 37:17
25 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇنىڭدىن كېيىن مەن، پادىشاھ زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە بۇ شەھەردە كېسەل، ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتىن ئامان قالغانلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۇلارنى قىرغىن قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق ئىچ ئاغرىتىش، ھېسداشلىق ياكى شەپقەت قىلمايدۇ.›»


پادىشاھ زىدقىيا: _ ئۇنى نېمە قىلساڭلار قىلىڭلار. مەن سىلەرنى توسالمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.


لېكىن، پادىشاھ زىدقىيا شەلەميانىڭ ئوغلى يىھۇكال بىلەن مائاسېيانىڭ ئوغلى روھانىي زىفانىيانى يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغىن» دەپ ئۆتۈندى.


لېكىن مەن ساڭا ئېيتايكى، ناچار ئەنجۈرلەر يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى، يېرۇسالېمدا قالغان كىشىلەر ۋە مىسىردا ياشايدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. مەن ئۇلارغا خۇددى سېسىپ يېگىلى بولمايدىغان ناچار ئەنجۈرلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمەن.


لېكىن پادىشاھ: _ مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سۆز قىلغىنىڭدا راستچىل بول، دەپ قانچە قېتىم قەسەم قىلدۇردۇم؟ _ دېدى.


چۈنكى، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇرۇس ۋە خۇداغا ئاتالغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ھىرود خان ئۇنىڭدىن قورقاتتى ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلاتتى. ھىرود يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالاتتى. بىراق، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يەنىلا قىزىقىپ ئاڭلايتتى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ ئەي يەرەمىيا، ھالىڭدىن مەن خەۋەر ئالىمەن. دۈشمەنلىرىڭ قىيىنچىلىق ۋە بالايىئاپەتكە ئۇچرىغاندا، يېنىڭغا كېلىپ، سەندىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئۆتۈنىدۇ.


مىكايا ئاخاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ مىكايا، بىز راموتقا ھۇجۇم قىلساق بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھۇجۇم قىلىشقايلا، غەلىبە قىلىشىلا. پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دەپلا قويدى مىكايا.


بىراق بابىللىقلارنىڭ قوشۇنى پادىشاھ زىدقىيانى قوغلاپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدە يېتىشىۋالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنى تاشلاپ تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كەتتى.


ئاپەت ئارقا-ئارقىدىن كېلىدۇ، شۇم خەۋەر ئۈزلۈكسىز تارقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئىزدىشى بىھۇدىدۇر. ئۇلار روھانىيلاردىن تەلىم، ئاقساقاللاردىن مەسلىھەت ئالالمايدۇ.


بىلئام بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ موئاب ئەمەلدارلىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى. بالاق: _ پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟ _ دەپ سورىدى.


ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ باردى.


بۇ ئەللەرنىڭ سەركىلىرىگە يوشۇرۇنغۇدەك يەر قالمايدۇ. خەلقلەرنىڭ يولباشچىلىرى قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite