16 شۇنداق قىلىپ، يەرەمىيا يوناتاننىڭ ئۆيىدىكى زىنداندا ياتتى. ئۇ بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن قامالدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەرەمىيانى تۇتۇپ كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئوغلى مالكىياغا تەۋە بىر قۇدۇققا تاشلىدى. بۇ قۇدۇق قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا ئىدى. ئۇلار يەرەمىيانى ئېلىپ كېلىپ، قۇدۇقنىڭ ئىچىگە ئارغامچا بىلەن چۈشۈردى. قۇدۇقتا سۇ يوق بولۇپ، پەقەتلا پاتقاق بار ئىدى، يەرەمىيا پاتقاققا پېتىپ قالدى.
ئى پەرۋەردىگار، چوڭقۇر ئورىدىن ئىلتىجا قىلدىم ساڭا.
چوڭقۇر ئورىغا تاشلاپ ئۇلار مېنى، ئەتتى تاش بىلەن ئورىنىڭ ئاغزىنى.
مەن ئەسلىدە ئىبرانىيمەن، يۇرتۇمدىن ناھەق تۇتۇپ كېلىنگەنمەن. مىسىردىمۇ مېنى زىندانغا تاشلىغۇدەك بىرەر يامان ئىش قىلغىنىم يوق.