15 ئەمەلدارلار يەرەمىياغا قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇلار ئۇنى ئۇرۇپ، زىندان ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان پۈتۈكچى يوناتاننىڭ ئۆيىگە قاماپ قويدى.
ئەگەر ئۇلار يېنىڭغا كەلسە، سەن ئۇلارغا: «مەن ئۆلۈپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن پادىشاھتىن مېنى يوناتاننىڭ ئۆيىگە ئاپىرىۋەتمەسلىكنى ئۆتۈندۈم» دېگىن.
شۇڭا، ئۇلار ئەلچىلەرنى تۇتۇپ، ھۆكۈمەت زىندانىغا قامىدى.
لېكىن، ئىجارىكەشلەر قۇللارنى تۇتۇۋېلىپ، بىرىنى دۇمبالاپتۇ، بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ، يەنە بىرىنى چالما-كېسەك قىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلار ۋە بارلىق خەلق روھانىيلارغا ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرگە مۇنداق دېدى: _ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس! ئۇ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىدا بىزگە سۆزلەپتىغۇ.
ئۇلارغا: «پادىشاھ مۇنداق پەرمان قىلىدۇكى، ماۋۇ كىشىنى زىندانغا تاشلاڭلار. مەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭغا جېنىنى ساقلىغۇدەكلا نان بىلەن سۇ بېرىڭلار» دەڭلار، _ دېدى.
ئاسا خانانىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقى كەلدى ۋە ئۇنىڭ پۇتىغا تاقاق سېلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم كىشىلەرنى قاتتىق باستۇردى.
ئۇ يۈسۈپنى تۇتۇپ، ئوردا زىندانىغا قاماپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئۇ يەردە قاماقتا ياتتى.
كەلگۈسىدە چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. بىلىپ قويغىنكى، شەيتان ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى يېقىندا زىندانغا تاشلىتىپ سىنىماقچى. سىلەر ئون كۈنگىچە قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە ماڭا سادىق بول. شۇ چاغدا، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن.
ۋە ئەلچىلەرنى چاقىرتىپ كىرىپ، ئۇلارنى قامچىلىتىپ، ھەرگىز ھەزرىتى ئەيسا توغرۇلۇق تەلىم بەرمەسلىكنى بۇيرۇدى. ئاندىن، ئۇلارنى قويۇپ بەردى.
- بىز سىلەرنى ئەيسا ھەققىدە كىشىلەرگە تەلىم بەرمەڭلار، دەپ قاتتىق چەكلىگەنىدۇق. لېكىن، سىلەر يەنە شۇ تەلىمىڭلارنى پۈتۈن يېرۇسالېمغا يايدىڭلار ھەمدە ئەيسانىڭ قان قەرزىنى بىزگە ئارتماقچى بولۇۋاتىسىلەر! - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا، يېنىدا تۇرغان ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىدىن بىرى ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ: - باش روھانىيغا مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسەن؟ - دېدى.
ئۇنىڭ كۆزىنى تېڭىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۇرۇپ تۇرۇپ: - پەيغەمبەر بولساڭ، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟ - دەپ سوراشتى
مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرگە پەيغەمبەرلەر، ئاقىللار ۋە دىنىي ئۆلىمالارنى ئەۋەتىپ تۇرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۆلتۈرىسىلەر، كرېستكە مىخلايسىلەر، بەزىلىرىنى ئىبادەتخانىلىرىڭلاردا دەررىگە باسىسىلەر، شەھەردىن شەھەرگە قوغلايسىلەر.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەرەمىيانى تۇتۇپ كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئوغلى مالكىياغا تەۋە بىر قۇدۇققا تاشلىدى. بۇ قۇدۇق قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا ئىدى. ئۇلار يەرەمىيانى ئېلىپ كېلىپ، قۇدۇقنىڭ ئىچىگە ئارغامچا بىلەن چۈشۈردى. قۇدۇقتا سۇ يوق بولۇپ، پەقەتلا پاتقاق بار ئىدى، يەرەمىيا پاتقاققا پېتىپ قالدى.
ئى پادىشاھ ئالەم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، ئۆتۈنۈشۈمنى قوبۇل قىلغىن. مېنى پۈتۈكچى يوناتاننىڭ ئۆيىگە قايتۇرمىغىن، بولمىسا مەن ئۇ يەردە ئۆلۈپ كېتىمەن.
ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان بارلىق سۇيىقەستىنى بىلىسەن. ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن! ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆزۈڭدىن ئۆچۈرۈۋەتمىگەيسەن! ئۇلار كۆز ئالدىڭدا مەغلۇپ بولۇپ، يىقىلىپ چۈشسۇن! ئۇلارنى غەزەپ بىلەن جازالىغايسەن!»
(ئۇ ۋاقىتتا يەرەمىيا تېخى زىندانغا تاشلانمىغان بولۇپ، ئۇ خالىغان ۋاقىتتا خەلق بىلەن ئۇچرىشالايتتى.
شۇ ۋاقىتتا بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدىكى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا ئىدى.
يەرەمىيا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا تۇرغان ۋاقىتلاردا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەنىدى: