14 يەرەمىيا: _ يالغان! بابىللىقلارنىڭ قېشىغا بېرىش نىيىتىم يوق! _ دەپ جاۋاب بەردى. لېكىن يىرئىيا يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەي، ئۇنى ئەمەلدارلارنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى.
تاشلاپ قويما رەقىبلىرىمنىڭ مەيلىگە مېنى، باشلىدى بۇ ساختا گۇۋاھچىلار ماڭا قارشى ھۇجۇمنى، شۇنچە ياۋۇز، زەھەردۇر ئۇلارنىڭ تىللىرى.
بۇنى مۇلايىملىق ۋە ھۆرمەت بىلەن ئېيتىڭلار. ۋىجدانىڭلارنى ساپ تۇتۇڭلار-دە، سىلەرگە تۆھمەت قىلغۇچىلار سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلاردىن يېتىلگەن پەزىلىتىڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن.
خالايىق سىلەرنى ماختىغاندا، ھالىڭلارغا ۋاي! چۈنكى، خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان بۇرۇنقى ساختا پەيغەمبەرلەرمۇ بۇ خەلقنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن.
ئوتتۇرىغا چىقىپ نىيىتى يامان گۇۋاھچىلار، خەۋىرىم يوق ئىشلارنى سوراپ سوراق قىلار.
مەن ئۇنىڭغا: «ئۇنداق ئىش يوق، بۇنى ئۆزىڭىز ئويدۇرۇپ چىقارغان!» دەپ جاۋاب يوللىدىم.