12 شۇڭا يەرەمىيا يېرۇسالېمدىن ئايرىلىپ، ئائىلىسىدىكى مىراسنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك قىسمىنى ئېلىش ئۈچۈن بىنيامىن زېمىنىدىكى ئۆز يۇرتىغا كەتمەكچى بولدى.
بۇلار خىلقىيانىڭ ئوغلى يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىدۇر. يەرەمىيا بىنيامىن قەبىلىسىگە قاراشلىق زېمىندىكى ئاناتوت شەھىرىدىكى بىر روھانىي ئىدى.
ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.
ئۇلار سىلەرگە بىر شەھەردە زىيانكەشلىك قىلسا، يەنە بىر شەھەرگە قېچىپ بېرىڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئىسرائىلىيىنىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىنى ئارىلاپ بولغۇچە، ئىنسانئوغلى قايتىپ كېلىدۇ.
مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن: _ مەندەك ساللاھىيەتتىكى ئادەم قېچىپ يۈرسە، جېنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتخانىغا مۆكۈنۈۋالسا بولامدۇ؟ مەن قەتئىي بارمايمەن! _ دېدىم.
يەنە بىنيامىن زېمىنىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارمۇ بېرىلدى: گىبئون، گەبا، ئالەمەت ۋە ئاناتوت. قوھات جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا جەمىي 13 شەھەر بېرىلدى.
ئىلياس كېچىنى بىر غاردا ئۆتكۈزدى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئىلياس، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟
ئىلياس بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، قورقۇپ كەتتى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، جېنىنى ئېلىپ قاچتى. ئۇ يەھۇدىيەدىكى بەئەرشەباغا كېلىپ، خىزمەتكارىنى شۇ يەردە قالدۇردى.
پىرئەۋن قوشۇنلىرى كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بابىل قوشۇنلىرى يېرۇسالېمدىن چېكىنگەنىدى.
دەر ھەقىقەت قېچىپ بېرىپ يىراقلارغا، قونار ئىدىم چۆل-جەزىرە، باياۋانغا. سېلاھ