Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 36:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 شۇنىڭ بىلەن نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئىش قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا تېرىگە پۈتۈلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 36:8
9 Referans Kwoze  

بېلىڭنى باغلا! سەن بېرىپ، بۇ كىشىلەرگە مەن ئېيتقان بارلىق ئەمرلەرنى يەتكۈزگىن. ئۇلاردىن قورقما، بولمىسا مەن سېنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ قورقۇنچقا سالىمەن!


تىموتىي يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن بىللە تۇرغاندا، ئۇنىڭ قورقماي، ئەركىن-ئازادە بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار. چۈنكى، ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش، رەببىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.


كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!


شۇنداق قىلىپ، يەرەمىيا نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئېيتىپ بەردى. بارۇك ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تېرىگە پۈتۈپ چىقتى.


ئۇ تاڭ سەھەردىن چۈشكىچە سۇ دەرۋازىسىدىن كىرگەندىكى مەيداندا قانۇننى چۈشىنەلەيدىغان ھەرقانداق كىشىگە ئۈنلۈك ئوقۇپ بەردى. بارلىق خەلق دىققەت بىلەن ئاڭلىدى.


ئۇنى بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل ۋە توختامغا قول قويغان گۇۋاھچىلار، شۇنداقلا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇرغان باشقا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ماخسېيانىڭ نەۋرىسى، يەنى نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكقا تاپشۇرۇپ بەردىم.


شۇڭا يەھۇدىيەدىكى بارلىق كىشىلەر ئۆز شەھەرلىرىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا روزا تۇتقىلى كەلگەن كۈندە، سەن ئۇ يەرگە بارغىن. ئۇلارغا مەن ساڭا ئېيتقان، يەنى سەن تېرىگە پۈتكەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇپ بەرگىن. ھەممە ئادەم ئاڭلىغۇدەك ئۈنلۈك ئوقۇغىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite