يەرەمىيا 36:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى29 ئاندىن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹يەرەمىيا بابىل پادىشاھىنىڭ بۇ زېمىنغا چوقۇم كېلىپ، بۇ زېمىننى ۋە زېمىندىكى بارلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى پۈتكەنلىكى ئۈچۈن، سەن ئۇ ئورام يازمىنى كۆيدۈرۈۋەتتىڭ! Gade chapit la |
يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا قارشى ۋەھىي يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، پادىشاھ زىدقىيا ئۇنى ئەيىبلەپ: «سەن نېمىشقا بۇنداق ئىشلار توغرىسىدا ۋەھىي يەتكۈزىسەن؟» دەپ، يەرەمىيانى قاماپ قويغانىدى. يەرەمىيا مۇنداق ۋەھىي يەتكۈزگەنىدى: «بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر: ‹مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ.
مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.