Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 36:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلار بارۇكقا: _ سەن ۋە يەرەمىيا چوقۇم بۇ يەردىن كېتىپ يوشۇرۇنۇڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ نەدە ئىكەنلىكىڭلارنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەڭلار، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 36:19
12 Referans Kwoze  

_ سەن بۇ يەردىن ئايرىلىپ، شەرق تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كىرىت ئېقىنى بويىغا بارغىن ۋە شۇ يەرگە يوشۇرۇنۇۋالغىن.


ئەكسىچە ئۇ بەگزادىلەردىن بىرى بولغان يىراخمىئېلنى، ئازرىئېلنىڭ ئوغلى سىرايانى ۋە ئابدىئېلنىڭ ئوغلى شەلەميانى پۈتۈكچى بارۇك ۋە يەرەمىيا پەيغەمبەرنى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇدى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يوشۇرۇپ قويغانىدى.


مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەن، خوجام ئادەم ئەۋەتىپ، سىلىنى ئىزدىمىگەن بىرمۇ ئەل ياكى پادىشاھلىق قالمىدى. كىشىلەر ئەگەر سىلىنى «ئۇ يەردە يوق» دېسە، ئۇ شۇ پادىشاھلىق ياكى ئەلنى سىلىنى تاپالمىغانلىقىغا قەسەم ئىچكۈزدى.


پادىشاھ ئاخابنىڭ ئايالى، يەنى خانىش ئىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىغاندا، ئوبادىيا ئۇلاردىن يۈز نەپىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىپ، ئىككى ئۆڭكۈرگە ئەللىكتىن يوشۇرۇپ، ئۇلارغا نان ۋە سۇ بەرگەنىدى.)


ۋە ئەلچىلەرنى چاقىرتىپ كىرىپ، ئۇلارنى قامچىلىتىپ، ھەرگىز ھەزرىتى ئەيسا توغرۇلۇق تەلىم بەرمەسلىكنى بۇيرۇدى. ئاندىن، ئۇلارنى قويۇپ بەردى.


دەل شۇ چاغدا، بىرنەچچە پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - بۇ يەردىن باشقا جايغا كېتىڭ. ھىرود خان سىزنى ئۆلتۈرمەكچى، - دېدى.


ئاندىن ئامازيا ئاموسقا مۇنداق دېدى: _ ئى غايىبنى بىلگۈچى، بۇ يەردىن كەت، يەھۇدىيە زېمىنىغا كەت. شۇ يەردە ۋەھىي يەتكۈزۈپ، جېنىڭنى باق!


جاھاننى قاپلار تەنتەنە ھەققانىيلار ھوقۇق تۇتسا، ئادەملەر ئۆزىنى قاچۇرار يامانلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە.


شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئامازياغا غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭغا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتى. پەيغەمبەر مۇنداق دېدى: _ ئۆز خەلقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتقۇزالمىغان بۇ ئىلاھلارغا نېمىشقا چوقۇنىسەن؟


شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلار ۋە بارلىق خەلق روھانىيلارغا ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرگە مۇنداق دېدى: _ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس! ئۇ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىدا بىزگە سۆزلەپتىغۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite