18 بارۇك ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: _ يەرەمىيا بۇ سۆزلەرنى ماڭا ئېيتتى، مەن تېرىگە پۈتۈۋالدىم، _ دېدى.
شۇنداق قىلىپ، يەرەمىيا نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئېيتىپ بەردى. بارۇك ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تېرىگە پۈتۈپ چىقتى.
_ سەن تېرە پارچىلىرىدىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا يوشىيا پادىشاھ بولغان چاغدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە، شۇنداقلا باشقا بارلىق ئەللەر توغرىسىدا ساڭا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى يېزىپ چىققىن.
يەرەمىيا بارۇكقا پۈتكۈزگەن ئورام يازمىنى پادىشاھ كۆيدۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:
ئاندىن يەرەمىيا باشقا تېرە پارچىلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى نېرىيانىڭ ئوغلى _ پۈتۈكچى بارۇكقا بەردى. يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم كۆيدۈرۈۋەتكەن ئورام يازمىدىكى بارلىق سۆزلەرنى بارۇكقا قايتىدىن پۈتتۈردى. ئۇلار بۇ ئورام يازمىغا يەنە بىرقانچە باشقا ۋەھىيلەرنىمۇ قوشۇپ قويدى.
نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقانلىرىنى تېرىگە پۈتكەن ۋاقتىدا، يەرەمىيا ئۇنىڭغا بىر ۋەھىينى يەتكۈزگەنىدى. بۇ ۋەھىي يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنىڭ 4-يىلى پۈتۈلگەن بولۇپ، يەرەمىيا مۇنداق دېگەنىدى: