Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 36:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئاندىن ئولتۇرغان پۈتۈن ئەمەلدارلار نىتانيانىڭ ئوغلى، شەلەميانىڭ نەۋرىسى يەنى كۇشىنىڭ چەۋرىسى يىھۇدىنى بارۇكنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ، «جامائەت ئالدىدا ئوقۇغان تېرە پۈتۈكنى ئېلىپ كەل» دەپ بۇيرۇدى. نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك ئورالغان تېرە پۈتۈكنى ئېلىپ كەلدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 36:14
12 Referans Kwoze  

_ سەن تېرە پارچىلىرىدىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا يوشىيا پادىشاھ بولغان چاغدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە، شۇنداقلا باشقا بارلىق ئەللەر توغرىسىدا ساڭا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى يېزىپ چىققىن.


تېنىڭلارنى ئۆلتۈرسىمۇ، جېنىڭلارنى ئالالمايدىغانلاردىن قورقماڭلار. ئەكسىچە، تېنىڭلارنىمۇ، جېنىڭلارنىمۇ دوزاختا ھالاك قىلالايدىغان خۇدادىن قورقۇڭلار.


- مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، كەپتەردەك ساددا بولۇڭلار.


بۇ زىفانىياغا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىيدۇر. زىفانىيا كۇشىنىڭ ئوغلى، كۇشى گىداليانىڭ ئوغلى، گىداليا ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا خىزكىيانىڭ ئوغلىدۇر. بۇ ۋاقىتتا ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ ئىدى.


ئۇلار بابىللىقلاردىن قورقاتتى، چۈنكى نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل بابىل پادىشاھى بۇ زېمىننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.


ئۇنىڭدىن كېيىن، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى گىبئوندا قۇتقۇزۇپ قالغان ھەممە كىشىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ ئېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا لەشكەرلەر، ئاياللار، بالىلار ۋە بەزى ئەمەلدارلار بار بولۇپ، بۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر ئىدى.


شۇنىڭ بىلەن بارلىق سەركەردىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى مىزپاھقا گىداليا بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلدى. بۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل، قارېياخنىڭ ئوغۇللىرى يوخانان ۋە يوناتان، تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سىرايا، نىتوفالىق ئېفاينىڭ ئوغۇللىرى ۋە مائاكالىق يىزانيا قاتارلىق سەركەردىلەر ئىدى.


پادىشاھ يىھۇدىنى ئورام يازمىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئۇ بېرىپ پۈتۈكچى ئەلىشامانىڭ خانىسىدىن ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان بارلىق ئەمەلدارلارغا ئوقۇپ بەردى.


يەھۇدىيەنىڭ باشقا يەرلەردىكى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە لەشكەرلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ گىداليانى قېلىپ قالغان ئاھالىلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى مىزپاھقا كەلدى. ئۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان، نىتوفالىق تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سىرايا، مائاكا جەمەتىدىن بولغان يائازانيا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئىدى.


شۇنداق قىلىپ، يەرەمىيا نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئېيتىپ بەردى. بارۇك ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تېرىگە پۈتۈپ چىقتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite