Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 36:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئۇ ئوردىدىكى پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىسىنىڭ خانىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پادىشاھنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ يىغىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىسى ئەلىشاما، شىمايانىڭ ئوغلى دىلايا، ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتان، شافاننىڭ ئوغلى گىماريا، خانانيانىڭ ئوغلى زىدقىيا ۋە باشقا بارلىق ئەمەلدارلار ئۇ يەردە ئولتۇرغانىدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 36:12
13 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يىھوياقىم ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتاننى بىرنەچچە ئادەم بىلەن مىسىرغا ئەۋەتكەنىدى.


پادىشاھ ھەتتا ئورام يازمىنى كۆيدۈرمەسلىكنى ئۆتۈنگەن ئەلناتان، دىلايا ۋە گىماريالارنىڭ سۆزلىرىگىمۇ پىسەنت قىلمىدى.


ئۇ باش روھانىي خىلقىيا، شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام، مىكايانىڭ ئوغلى ئاكبور، پۈتۈكچى شافان ۋە خىزمەتكارى ئاساياغا مۇنداق دەپ بۇيرۇدى:


شۇ يىلنىڭ كۈز پەسلىدە ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى، يەنى نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئون ئادەمنى باشلاپ، مىزپاھ شەھىرىدىكى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانىڭ يېنىغا باردى. ئىسمائىل پادىشاھ جەمەتىدىن بولۇپ، پادىشاھ زىدقىيانىڭ باش سەركەردىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇلار مىزپاھتا گىداليا بىلەن غىزالىنىۋاتقاندا،


يىھوياكىن تەختكە چىققان چاغدا 18 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق ئەلناتاننىڭ قىزى نىخۇشتا ئىدى.


شۇنىڭ بىلەن باش روھانىي خىلقىيا، ئاخىقام، ئاكبور، شافان، ئاسايالار ئايال پەيغەمبەر خۇلداھ بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. ئۇ شاللۇمنىڭ ئايالى ئىدى. شاللۇم تىقۋاھنىڭ ئوغلى، خارخاسنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، كىيىم ساقلايدىغان ئامبارنى باشقۇرىدىغان ئادەم ئىدى. خۇلداھ يېرۇسالېمدىكى يېڭى مەھەللىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىدى.


يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئازاليانىڭ ئوغلى، يەنى مىشۇللامنىڭ نەۋرىسى پۈتۈكچى شافاننى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى:


شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ئەمەلدارلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق شەھەردە قالغان لەشكەرلەر ۋە پۈتۈن خەلقنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. بۇ ئادەم كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.


يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلار پادىشاھ ئوردىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ناھايىتى تېزلا يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ «يېڭى دەرۋازا» دەپ ئاتالغان كىرىش ئېغىزىدا سوت ئاچتى.


شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام يەرەمىيا تەرەپتە تۇردى، يەرەمىيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇشىغا يول قويمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite