Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 36:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئۇ ۋاقىتتا بارۇك پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، پۈتۈكچى شافاننىڭ ئوغلى گىماريانىڭ ھۇجرىسىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇردى. بۇ ھۇجرا يېڭى دەرۋازا يېنىدىكى ئۈستۈنكى ھويلىدا ئىدى. ئۇ يەردە بارلىق ئادەملەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايتتى. ئۇ ئورام يازمىنى ئېچىپ، يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 36:10
17 Referans Kwoze  

گىماريانىڭ ئوغلى، يەنى شافاننىڭ نەۋرىسى مىكايا بارۇك ئورام يازمىدىن ئوقۇغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى.


شەھەردە قېلىپ قالغان لەشكەرلەرنى نازارەت قىلىدىغان بىر ئەمەلدارنى، پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن يەتتە ئادەمنى، ئاھالىلەرنى تىزىملايدىغان لەشكىرىي پۈتۈكچىنى ۋە شەھەردىن تېپىۋېلىنغان باشقا ئاتمىش پۇقرانى تۇتتى.


يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلار پادىشاھ ئوردىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ناھايىتى تېزلا يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ «يېڭى دەرۋازا» دەپ ئاتالغان كىرىش ئېغىزىدا سوت ئاچتى.


پادىشاھ ھەتتا ئورام يازمىنى كۆيدۈرمەسلىكنى ئۆتۈنگەن ئەلناتان، دىلايا ۋە گىماريالارنىڭ سۆزلىرىگىمۇ پىسەنت قىلمىدى.


ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق بىلەن ئەبىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك روھانىي، سىرايا پۈتۈكچى،


شۇنىڭ بىلەن نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئىش قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا تېرىگە پۈتۈلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.


شۇڭا يەھۇدىيەدىكى بارلىق كىشىلەر ئۆز شەھەرلىرىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا روزا تۇتقىلى كەلگەن كۈندە، سەن ئۇ يەرگە بارغىن. ئۇلارغا مەن ساڭا ئېيتقان، يەنى سەن تېرىگە پۈتكەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇپ بەرگىن. ھەممە ئادەم ئاڭلىغۇدەك ئۈنلۈك ئوقۇغىن.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ كەلدىم ۋە ئۇلارنى يىگداليانىڭ ئوغلى خانان پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى تۇرىدىغان ھۇجرىغا باشلاپ كىردىم. ئۇ ھۇجرا ئىبادەتخانا خىزمەتچىلىرى تۇرىدىغان ھۇجرىنىڭ يېنىدا، شاللۇمنىڭ ئوغلى، يەنى ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىنىڭ بىرى بولغان مائاسېيا تۇرىدىغان ھۇجرىنىڭ ئۈستىدە ئىدى.


ئۇ خەتنى شافاننىڭ ئوغلى ئەلئاسا ۋە خىلقىيانىڭ ئوغلى گىماريا ئارقىلىق ئەۋەتتى. ئۇلارنى بابىلغا، يەنى پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ قېشىغا يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا ئەۋەتكەنىدى.


شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام يەرەمىيا تەرەپتە تۇردى، يەرەمىيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇشىغا يول قويمىدى.


خىلقىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى، يەنى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا سەركەردىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى.


بىراق غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى. يوتەم ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە دەرۋازا ياساتتى.


پۈتۈكچى شىۋا، روھانىي زادوق بىلەن ئەبىياتار ئىدى.


ئۇ يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىنى پۈتتۈردى. ھويلا تېمىنى ھەربىر ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش ئۈستىگە بىر قەۋەت كېدىر لىمى قويۇپ، قوپۇرۇپ چىقتى.


نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك سېنى بۇلارنى بىزگە ئېيتىشقا كۈشكۈرتتى. ئۇ بىزنى بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىزنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى بابىلغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ كېتىدۇ.


ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يان تەرىپىدە بىر ئېغىز ئۆي بار بولۇپ، ئۇ ئۆيگە تاشقىرىقى ھويلىدىن كىرگىلى بولاتتى. كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار مۇشۇ ئۆيدە پاكىزلىناتتى.


يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئازاليانىڭ ئوغلى، يەنى مىشۇللامنىڭ نەۋرىسى پۈتۈكچى شافاننى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite