5 ئاندىن مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئىدىشلارنى ۋە لىق شاراب قاچىلانغان كومزەكلەرنى ئېلىپ كېلىپ: _ مەرھەمەت، شاراب ئىچىڭلار، _ دېدىم.
بىراق سىلەر ماڭا ئالاھىدە بېغىشلىغان بۇ كىشىلەرنى شاراب ئىچىشكە مەجبۇرلىدىڭلار. سىلەر پەيغەمبەرلەرنى ۋەھىي يەتكۈزۈشتىن توستۇڭلار.
بېرىڭلار، خۇشال-خۇرام تامىقىڭلارنى يەپ، شادلىق بىلەن شارابىڭلارنى ئىچىڭلار! چۈنكى بۇلار خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن ئىنئامىدۇر.
ئالدىنقى خېتىمنى يېزىشىمدىكى سەۋەب سىلەرنىڭ ھەرقانداق ئىشتا مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان-ئاڭلىمايدىغانلىقىڭلارنى سىناش ئۈچۈن ئىدى.
_ سەن رېكاب ئۇرۇق-جەمەتىدىكىلەر ياشايدىغان جايغا بېرىپ، ئۇلارنى ئىبادەتخانامغا چاقىرىپ كەلگىن. ئۇلارنى ئىبادەتخانامغا تەۋە ھۇجرىلارنىڭ بىرىگە باشلاپ كىرىپ، ئۇلارغا شاراب قۇيغىن.
شۇنىڭدەك، بازاردىن ئالغان نەرسىلەرنىمۇ يۇماي يېمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قەدەھ، چۆگۈن ۋە مىس قاچىلارنى يۇيۇش توغرىسىدىمۇ بىرمۇنچە ئەنئەنىلەرگە رىئايە قىلىدۇ.)