Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 35:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ سەن رېكاب ئۇرۇق-جەمەتىدىكىلەر ياشايدىغان جايغا بېرىپ، ئۇلارنى ئىبادەتخانامغا چاقىرىپ كەلگىن. ئۇلارنى ئىبادەتخانامغا تەۋە ھۇجرىلارنىڭ بىرىگە باشلاپ كىرىپ، ئۇلارغا شاراب قۇيغىن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 35:2
21 Referans Kwoze  

يابېز شەھىرىدە ياشىغان تىرا، شىما ۋە سۇكاھ ئىسىملىك پۈتۈكچىلەرنىڭ جەمەتلىرىمۇ سالما ئەۋلادلىرىدىن كېلىپ چىققانىدى. ئۇلار خامماتتىن بولغان قېنلار بولۇپ، خاممات رېكابنىڭ ئەجدادى ئىدى.


تۆت نەپەر دەرۋازىۋەنلەر باشلىقى لاۋىيلاردىن بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھۇجرىلىرى ۋە خەزىنىلىرىگە قاراشقا مەسئۇل ئىدى.


قاراۋۇلخانىلاردا ۋە خانىدا پەنجىرىلەر بار ئىدى. قاراۋۇلخانىلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاملارغا خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى.


بىز ۋە بىزنىڭ ئاياللىرىمىز، ئوغۇل-قىزلىرىمىز، ئەجدادىمىز رېكابنىڭ ئوغلى يېھونادابنىڭ بىزگە بۇيرۇغان ھەممە ئىشلىرىغا بويسۇنۇپ كەلدۇق. بىز ئەزەلدىن شاراب ئىچىپ باقمىدۇق.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ كەلدىم ۋە ئۇلارنى يىگداليانىڭ ئوغلى خانان پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى تۇرىدىغان ھۇجرىغا باشلاپ كىردىم. ئۇ ھۇجرا ئىبادەتخانا خىزمەتچىلىرى تۇرىدىغان ھۇجرىنىڭ يېنىدا، شاللۇمنىڭ ئوغلى، يەنى ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىنىڭ بىرى بولغان مائاسېيا تۇرىدىغان ھۇجرىنىڭ ئۈستىدە ئىدى.


ئەلياشىب بۇرۇن توبىياغا ئىبادەتخانىغا قاراشلىق چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى بوشىتىپ بەرگەنىدى. ئىلگىرى بۇ خانىدا ئاشلىق ھەدىيەلىرى، خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرى ساقلىناتتى. بۇ خانىدا يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە باشقا لاۋىيلارغا ئاتالغان ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ھەم روھانىيلارغا ئاتالغان ھەدىيەلەرمۇ ساقلىناتتى.


سىلەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىغا يېتىپ بارغۇچە، ئۇلارغا ياخشى قاراڭلار. سىلەر روھانىيلارنىڭ يېتەكچىلىرى، لاۋىيلار ۋە ئىسرائىللارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئالدىدا بۇ نەرسىلەرنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلار، _ دېدىم.


شۇنىڭ بىلەن خىزكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئامبار تەييارلاش بۇيرۇقىنى بەردى. ئامبار تەييارلانغاندىن كېيىن،


قېقىلغان مىخلارنىڭ بېشىغا قاپلانغان ئالتۇننىڭ ئېغىرلىقى 600 گىرام ئىدى. يۇقىرىقى خانىلارنىڭ ئىچىنىمۇ ئالتۇن بىلەن بېزەتكۈزدى.


لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەملىشىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرى ۋە يان خانىلىرىغا مەسئۇل بولۇش، بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكىزلاش ۋە شۇنىڭغا دائىر باشقا ئىشلارنى قىلىش ئىدى.


لاۋىيلارنىڭ بىر قىسىم جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنىڭ ساز چېلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ھۇجرىلىرىدا تۇراتتى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز ساز چېلىشقا مەسئۇل بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقا ئىش قىلمايتتى.


ئىبادەتخانىغا يانداش سېلىنغان يان خانىلارنىڭ ھەر قەۋىتىنىڭ ئېگىزلىكى 2.5 مېتىردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ لىملىرى ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىغا قويۇلغانىدى.


بىرىنچى قەۋەتتىكى يان خانىلارنىڭ ئىشىكى ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بولۇپ، ئايلانما پەلەمپەيلەر ئارقىلىق ئىككىنچى قەۋەتكە، ئىككىنچى قەۋەتتىن ئۈچىنچى قەۋەتكە چىققىلى بولاتتى.


شۇنىڭ بىلەن مەن رېكاب جەمەتىنى، يەنى يەرەمىيانىڭ ئوغلى _ خاباززىنيانىڭ نەۋرىسى بولغان يائازانيانى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى، قېرىنداشلىرىنى


داۋۇت سۇلايمانغا يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرى، ئەتراپىدىكى ئۆيلەر ۋە خۇداغا ئاتالغان سوۋغاتلارنى ساقلايدىغان خەزىنىلەر ھەققىدىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلىگە سالغانلىرى بويىچە كۆرسەتمە بەردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite