Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 35:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا شۇنداق دەيمەنكى، مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان بارلىق بالا-قازانى ئېلىپ كېلىمەن. چۈنكى مەن ئۇلارغا ئېيتقانىدىم. لېكىن ئۇلار ئاڭلىمىدى. ئۇلارنى چاقىرغانىدىم، لېكىن ئۇلار جاۋاب بەرمىدى.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 35:17
28 Referans Kwoze  

شۇڭا مەن چوقۇم ئۇلارغا جاپا سېلىشنى تاللايمەن، ئۇلار قورقىدىغان ئىشلارنى ئۇلارغا يولۇقتۇرىمەن. چۈنكى چاقىرسام ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى، سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىدى، ئەكسىچە نەزىرىمدە رەزىل بولغان ئىشلارنى قىلدى، مېنى خۇرسەن قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تاللىدى.»


لېكىن، ئىسرائىللار ھەققىدە خۇدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق مۇنداق دېدى: «مەن بويسۇنماس ۋە جاھىل بىر خەلققە كۈن بويى قوللىرىمنى ئۇزىتىپ تۇردۇم.»


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىۋاتىمەن، سىلەر نۇرغۇن رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭلار، مېنىڭ قايتا-قايتا ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار. مەن سىلەرنى توۋا قىلىشقا چاقىرغاندا، سىلەر جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدىڭلار!


مەن سىلەرنىڭ تەقدىرىڭلارنى قىلىچ ئاستىغا قويىمەن، ھەممىڭلار ئۆلۈمگە باش ئېگىسىلەر، چۈنكى، چاقىرسام جاۋاب بەرمىدىڭلار، سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىدىڭلار، ئەكسىچە كۆز ئالدىمدا رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭلار، مەن خۇشال بولمايدىغان ئىشلارنى تاللىدىڭلار.»


ئىنسان پاك دەپ بىلەر ئۆزىنىڭ قىلغان ھەممە ئىشىنى، لېكىن پەرۋەردىگار دەڭسەپ كۆرەر ئادەمنىڭ نىيىتى.


شۇڭا سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ.


ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، يولۇمغا قايتىپ كېلىشنى خالىمىدى. گەرچە مەن قايتا-قايتا ئۇلارنى يېتەكلىگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇلار دېگەنلىرىمگە قۇلاق سالمىدى ھەم قىلمىشلىرىدىن ساۋاق ئالمىدى.


سىلەر چوقۇم مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار! مەن ئۇلارنى سىلەرگە قايتا-قايتا ئەۋەتتىم، لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىدىڭلار.


لېكىن ئەجدادلىرىڭلار ماڭا ئىتائەت قىلمىدى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل قەلبىدىكى جاھىل نىيەتلىرىگە ئەگەشتى. ئۇلار مەن ئۇلارنى ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان ئەھدىدىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەھدىدە يېزىلغان بارلىق قارغىشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشتى.»


مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا كەلگەندە، نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بىرمۇ ئادەم يوق؟ مەن چاقىرسام، نېمە ئۈچۈن بىرمۇ ئادەم جاۋاب بەرمەيدۇ؟ سىلەرنى قۇتقۇزۇش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەمدۇ؟ سىلەرنى ئازاد قىلىشقا قۇدرىتىم يەتمەمدۇ؟ مەن دېڭىزغا بىرلا بۇيرۇق قىلسام، ئۇ قۇرۇپ كېتىدۇ. دەريالارنى چۆلگە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيمەن، سۇ بولمىغانلىقتىن بېلىقلار ئۆلۈپ سېسىيدۇ.


خۇدانىڭ سۆزىگە سەل قارىغۇچى ئۆزىگە ھالاكەت كەلتۈرەر، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان تارتۇققا ئېرىشەر.


مەن يەر يۈزىنى توپانغا غەرق قىلىپ، پۈتۈن جانلىقلارنى ھالاك قىلىمەن، يەر يۈزىدىكى ھەممە مەۋجۇدات نابۇت بولىدۇ.


«ئەي يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹قۇلاق سېلىڭلار! مەن بۇ جايغا شۇنداق بىر بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغۇچىلار ھاڭ-تاڭ قالىدۇ.


«ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئېيتقىنىمدەك، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ھەممە بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. سىلەر جاھىللىق قىلىپ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى رەت قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن.›»


مەن سېنى، ئەۋلادلىرىڭنى ۋە ئەمەلدارلىرىڭنى رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا، يېرۇسالېمدا ياشايدىغانلارنىڭ ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ باشلىرىغا، ئىلگىرى مەن ئاگاھلاندۇرغان بارلىق بالايىئاپەتلەرنى سالىمەن. چۈنكى ھەممىڭلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار.›»


شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيمەنكى، ئۇلارغا قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلار يىغلاپ تۇرۇپ مەندىن ياردەم سورىسىمۇ، ئىلتىجالىرىنى ئاڭلىمايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite