Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 35:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 رېكابنىڭ ئوغلى يېھونادابنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا، ئەجدادىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلدى. لېكىن مېنىڭ خەلقىم سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 35:16
8 Referans Kwoze  

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئوغۇل ئاتىسىنى، چاكار خوجايىنىنى ھۆرمەت قىلار. ئەگەر مەن بىر ئاتا بولسام، قېنى ماڭا بولغان ھۆرمەت؟ ئەگەر مەن بىر خوجايىن بولسام، قېنى ماڭا بولغان ئىتائەتمەنلىك؟ سىلەر روھانىيلار مېنىڭ نامىمنى دەپسەندە قىلدىڭلار، ئەمما سىلەر ‹قانداق دەپسەندە قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر.


رېكابنىڭ ئوغلى يېھوناداب ئەۋلادلىرىغا شاراب ئىچمەسلىكنى بۇيرۇغان. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلغان. ئۇلار ئەجدادىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ئۈچۈن تاكى بۈگۈنگىچە ھېچقانداق شاراب ئىچىپ باقمىغان. لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە كۆپ قېتىم تەكىتلىسەممۇ، سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار.


ئۆكۈز ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئېشەك ئوقۇرىنى بىلىدۇ، بىراق ئىسرائىللار مېنى تونۇمايدۇ، خەلقىم مېنىڭ ئۆزلىرىگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىمنى چۈشەنمەيدۇ!»


ئىشبوشەتنىڭ خىزمىتىدە ئىككى توپ قاراقچىلارنىڭ بائانا ۋە رېكاب ئىسىملىك ئىككى ئاتامانى بار ئىدى. ئۇلار بەئەروتتا ياشايدىغان بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان رىمموننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. بەئەروت شەھىرى ئۇ ۋاقىتتا بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە زېمىن ئىدى.


بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ئەگەر سىلەر يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، مېنىڭ يولۇمغا قايتساڭلار، مەن سىلەرنىڭ ئۆز زېمىنىڭلاردا ياشىشىڭلارغا يول قويىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite