Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 35:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 رېكابنىڭ ئوغلى يېھوناداب ئەۋلادلىرىغا شاراب ئىچمەسلىكنى بۇيرۇغان. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلغان. ئۇلار ئەجدادىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ئۈچۈن تاكى بۈگۈنگىچە ھېچقانداق شاراب ئىچىپ باقمىغان. لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە كۆپ قېتىم تەكىتلىسەممۇ، سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 35:14
15 Referans Kwoze  

چۈنكى مەن ئەجدادلىرىڭلارنى ماڭا ئىتائەت قىلىشقا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردۇم. مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇردۇم.


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىۋاتىمەن، سىلەر نۇرغۇن رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭلار، مېنىڭ قايتا-قايتا ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار. مەن سىلەرنى توۋا قىلىشقا چاقىرغاندا، سىلەر جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدىڭلار!


مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا كەلگەندە، نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بىرمۇ ئادەم يوق؟ مەن چاقىرسام، نېمە ئۈچۈن بىرمۇ ئادەم جاۋاب بەرمەيدۇ؟ سىلەرنى قۇتقۇزۇش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەمدۇ؟ سىلەرنى ئازاد قىلىشقا قۇدرىتىم يەتمەمدۇ؟ مەن دېڭىزغا بىرلا بۇيرۇق قىلسام، ئۇ قۇرۇپ كېتىدۇ. دەريالارنى چۆلگە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيمەن، سۇ بولمىغانلىقتىن بېلىقلار ئۆلۈپ سېسىيدۇ.


بۇ خەلق ئاسىيدۇر، يالغانچى بالىلاردۇر. بۇ بالىلار پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى قوبۇل قىلمايدۇ.


ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، يولۇمغا قايتىپ كېلىشنى خالىمىدى. گەرچە مەن قايتا-قايتا ئۇلارنى يېتەكلىگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇلار دېگەنلىرىمگە قۇلاق سالمىدى ھەم قىلمىشلىرىدىن ساۋاق ئالمىدى.


گەرچە مەن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا قايتا-قايتا سۆزلىسەممۇ، ئۇلار سۆزۈمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدى. مەن ئېيتىمەنكى، سۈرگۈن قىلىنغان سىلەرمۇ ئاڭلىمىدىڭلار!


سەن ئۇزۇن يىل سەۋر-تاقەت قىلدىڭ. سەن پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق روھىڭ بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردۇڭ. بىراق ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭغا قۇلاق سالمىدى. شۇڭا سەن ئۇلارنى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قولىغا تۇتۇپ بەردىڭ.


لېكىن خەلقىڭ ساڭا بويسۇنمىدى. سەندىن يۈز ئۆرۈدى ۋە قانۇنۇڭنى تاشلاپ قويدى. ئۇلار سېنىڭ يولۇڭغا قايتىشقا دەۋەت قىلغان پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ساڭا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈردى.


سىلەر چوقۇم مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار! مەن ئۇلارنى سىلەرگە قايتا-قايتا ئەۋەتتىم، لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىدىڭلار.


لېكىن ئۇلار جاۋاب بېرىپ: _ بىز شاراب ئىچمەيمىز. چۈنكى بىزنىڭ ئەجدادىمىز رېكابنىڭ ئوغلى يېھوناداب بىزگە بۇيرۇق قىلىپ: «سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلار ھەرگىز شاراب ئىچمەڭلار،


رېكابنىڭ ئوغلى يېھونادابنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا، ئەجدادىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلدى. لېكىن مېنىڭ خەلقىم سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite