Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 35:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 _ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سېنى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا سۆزۈمنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتىمەن. ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «مەن پەرۋەردىگار سىلەردىن سورايمەن: نېمىشقا مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمايسىلەر، كۆرسەتكەن يولۇمدا ماڭمايسىلەر؟

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 35:13
12 Referans Kwoze  

ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، يولۇمغا قايتىپ كېلىشنى خالىمىدى. گەرچە مەن قايتا-قايتا ئۇلارنى يېتەكلىگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇلار دېگەنلىرىمگە قۇلاق سالمىدى ھەم قىلمىشلىرىدىن ساۋاق ئالمىدى.


ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ سەمىمىيەت ئىزدەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن بۇ كىشىلەرنى جازالىغان بولساڭمۇ، ئۇلار سۆزلىرىڭگە ئېتىبار قىلمىدى. ھەتتا سەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئازلا قالغان چاغدىمۇ، ئۇلار خاتالىقىنى تۈزىتىشنى خالىمىدى. ئۇلار قەلبلىرىنى خۇددى تاشتەك قاتتىق قىلدى. ئۇلار توۋا قىلىشنى خالىمىدى.


سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىككە دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى، بۇ ئالەمدە ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى مۇسا پەيغەمبەرنى رەت قىلغان ئىسرائىللار بۇنداق قىلىشنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتىكى بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلساق، ئۇ جازادىن بىز قانداقمۇ قۇتۇلالايمىز!؟


مەن مۇنداق دەپ سورىدىم: «كىمنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بۇنداق بالايىئاپەتنى چۈشىنىشكە قادىر؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى ئارقىلىق ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ نېمىشقا بۇ زېمىن خاراب بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ زېمىن ئادەم ئاياغ باسمايدىغان قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ؟»


ئاراڭلاردا كىم بۇ ئىشلارنى زېھىن قويۇپ ئاڭلايدۇ؟ كىم بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىبرەتلىك ئىشلارنى دىققەت بىلەن ئاڭلايدۇ؟


ئاڭلا نەسىھەتنى، قوبۇل قىل تەربىيىنى، شۇنداق قىلغىنىڭدا دانا بولىسەن ئاخىرى.


قوبۇل قىلىڭلار كۈمۈشنىڭ ئورنىغا نەسىھەتلىرىمنى، ساپ ئالتۇننىڭ ئورنىغا بىلىمنى.


ئاندىن پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:


يەرەمىيا يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلققە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە مۇنداق دېدى:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite