Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 34:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئۇ ۋاقىتتا ئىبرانىي قېرىنداشلاردىن قۇل قىلىنغانلار بولمىسۇن دەپ، ئىبرانىي قۇل ۋە دېدەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئازاد قىلماقچى بولۇشقانىدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 34:9
16 Referans Kwoze  

چۈنكى، مەن تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلىنغان ئىسرائىل ئەۋلادىمەن، يەنى بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان قېنى ساپ يەھۇدىيمەن. تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشنى ئۆلچەم قىلىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، مەن قىل سىغمايدىغان پەرىسىي ئېقىمىدىنمەن.


ئۇلار سېپى ئۆزىدىن ئىبرانىيمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىسرائىللارمۇ؟ مەنمۇ ئىسرائىل. ئۇلار ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىنمۇ؟ مەنمۇ ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن.


بىراق سىلەر ناھەقلىقكە ئۇچرىماي، ئەكسىچە ئۆزۈڭلار ناھەقلىق قىلىۋاتىسىلەر ۋە باشقىلارنى ئالداۋاتىسىلەر، ھەتتا قېرىنداشلىرىڭلارغىمۇ شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر!


شۇنىڭ بىلەن بارلىق خەلق ۋە ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ قۇل ۋە دېدەكلىرىنى ئازاد قىلىشقا ۋە ئۇلارنى قايتا قۇل قىلماسلىققا قوشۇلۇپ، ئۇلارنى ئازاد قىلىشقانىدى.


مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، ئۇ ۋاقىتتا، مەن ئۇلارنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن، ئۇلارنىڭ زەنجىرلىرىنى ئۈزۈۋېتىمەن. باشقا ئەللەر ئەمدى ئۇلارنى ھەرگىز قۇل قىلالمايدۇ.


كېيىن نۇرغۇن ئەللەر ۋە كۈچلۈك پادىشاھلار بابىلنى بويسۇندۇرىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىت كەلگۈچە، بارلىق ئەللەر بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە، ئوغلىغا ۋە نەۋرىسىگە خىزمەت قىلىدۇ.


نۇرغۇن خەلقلەر ۋە ئۇلۇغ پادىشاھلار بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قۇل قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرىغا يارىشا جازالايمەن.»


ئىككىيلەن بېرىپ، ئۆزلىرىنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇللىرىغا كۆرسەتكەنىدى، قاراۋۇللار: _ مانا، ئىبرانىيلار ئۆزلىرىنى يوشۇرغان كامارلاردىن چىقتى، _ دېدى.


قېنى فىلىستىيەلىكلەر، ئەركەكتەك باتۇر بولايلى! بولمىسا، ئىبرانىيلار بىزگە قۇل بولغاندەك بىزمۇ ئۇلارغا قۇل بولىمىز. شۇنداق ئىكەن، ئەركەكتەك جەڭ قىلايلى! _ دېيىشتى.


فىلىستىيەلىكلەر بۇ كۈچلۈك چۇقاننى ئاڭلاپ: _ ئىبرانىيلارنىڭ بارگاھىدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك كۈچلۈك چۇقان كۆتۈرۈلۈپ كەتتى؟ _ دەپ ھەيران قېلىشتى. كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ بارگاھقا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلىپ،


ئەگەر ئىسرائىللاردىن بولغان ئەر-ئايال قېرىندىشىڭلار سىلەرگە قۇللۇققا سېتىلسا، ئالتە يىل خىزمىتىڭلارنى قىلسۇن، يەتتىنچى يىلى ئۇلارنى ئازاد قىلىڭلار.


_ ئاقساقاللار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلايدۇ. ئاندىن كېيىن سىلەر بىرلىكتە مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ھەممىڭلار: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىزگە ئايان بولدى. ئەمدى بىزنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيسىز» دەڭلار.


مەلىكە سېۋەتتە بىر ئوغۇل بوۋاقنىڭ يىغلاپ ياتقىنىنى كۆردى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ: _ بۇ چوقۇم بىر ئىبرانىينىڭ بوۋىقى، _ دېدى.


مەن ئەسلىدە ئىبرانىيمەن، يۇرتۇمدىن ناھەق تۇتۇپ كېلىنگەنمەن. مىسىردىمۇ مېنى زىندانغا تاشلىغۇدەك بىرەر يامان ئىش قىلغىنىم يوق.


لېكىن قۇتۇلۇپ قالغان بىر كىشى بۇ ئىشلارنى ئىبرانىي ئىبرامغا مەلۇم قىلدى. ئۇ چاغدا ئىبرام ئامور قەبىلىسىدىن بولغان مامرە ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ دۇپ دەرەخلىكىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. مامرە ۋە ئىككى ئىنىسى، يەنى ئەشكول ۋە ئانېر ئىبرام بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ھەمكارلاشقۇچىلار ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite