Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 34:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 پادىشاھ زىدقىيا يېرۇسالېمدىكى بارلىق خەلق بىلەن ئۇلارنىڭ قۇللىرىنى ئازاد قىلىش توغرىسىدا بىر كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا ۋەھىي كەلگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 34:8
18 Referans Kwoze  

سىلەر 50-يىلىنى مۇقەددەس يىل بىلىپ، بۇ يىلنى زېمىنىڭلاردىكى پۈتۈن خەلققە ھۆرلۈك يىلى دەپ جاكارلاڭلار. بۇ يىل سىلەرگە قۇت يىلى بولسۇن. سېتىلىپ كەتكەن پۈتۈن زېمىن ۋە ئۆيلەر بۇ يىلدا ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. بۇرۇن قۇل قىلىپ سېتىلغانلار ھۆر قىلىنىپ، ئۆز ئائىلىسىگە قايتۇرۇلسۇن.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيمەنكى، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى قويۇپ بەرمىدىڭلار. ئەمدى مەن سىلەرنى قويۇپ بېرىمەن! مەن سىلەرنى ئۇرۇش، كېسەللىك ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈشۈڭلارغا قويۇپ بېرىمەن. مەن دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن ئىشلار ئارقىلىق چۆچۈتىمەن.


باش روھانىي يىھويادا يەھۇدىيە خەلقىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سادىق خەلقى بولۇشى ئۈچۈن پادىشاھ ۋە خەلق بىلەن پەرۋەردىگار ئوتتۇرىسىدا ئەھدە تۈزدى. ئۇ يەنە پادىشاھ بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىمۇ ئەھدە تۈزدۈردى.


ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللىدى، قەلبى جاراھەتلەنگەنلەرگە شىپاللىق بېرىشكە ئەۋەتتى. تۇتقۇنلارغا: «ئازاد بولىسىلەر!» دەپ جاكارلاشنى، گۇناھقا باغلانغانلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى.


يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار ۋەجىدىن بىز ۋەدىنامە يازدۇق. ئەمەلدارلىرىمىز، روھانىيلىرىمىز ۋە لاۋىيلار ئۆز مۆھۈرلىرىنى باستى.


شۇڭا مەن ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، غەزىپىنى بىزدىن يىراق قىلىشنى ئويلايمەن.


باش روھانىي يىھويادا يەھۇدىيە خەلقىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سادىق خەلقى بولۇشى ئۈچۈن ئۆزى بىلەن پادىشاھ ۋە پۈتۈن خەلق ئوتتۇرىسىدا ئەھدە تۈزدى.


ئەگەر ئىسرائىللاردىن بولغان ئەر-ئايال قېرىندىشىڭلار سىلەرگە قۇللۇققا سېتىلسا، ئالتە يىل خىزمىتىڭلارنى قىلسۇن، يەتتىنچى يىلى ئۇلارنى ئازاد قىلىڭلار.


مېنى خۇرسەن قىلىدىغان روزا، رەزىللىكنىڭ ئارغامچىسىنى بوشىتىش بولماستىن، ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈپ، بويۇنتۇرۇقنىڭ تانىسىنى يېشىپ تاشلاش، بارلىق بويۇنتۇرۇقلارنى چېقىپ تاشلاش ئەمەسمىدى؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite