Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 34:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 تىنچ-ئامان ئالەمدىن ئۆتىسەن، ئەجدادلىرىڭنى، يەنى سەندىن ئىلگىرىكى پادىشاھلارنى كىشىلەر دەپنە قىلىپ، ئىسرىق سالغاندەك، كىشىلەر سېنىمۇ دەپنە قىلىپ ئىسرىق سالىدۇ. ماتەم تۇتۇپ: ‹ۋاي! پادىشاھىمىز!› دېيىشىدۇ. بۇ سۆزلەرنى ئېيتقۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 34:5
10 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار يوشىيا پادىشاھنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر ‹ئىسىت، قېرىندىشىم! ۋاي جانجىگىرىم!› دېيىشىپ، ياش تۆكمەيدۇ. خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن: ‹ئىسىت، خوجايىنىمىز ئۆلۈپ كەتتىغۇ! ئىسىت، ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى يوقالدىغۇ!› دەپ يىغلىمايدۇ.


خەلق ئۇنىڭ مېيىتىنى تاۋۇتقا ياتقۇزۇپ، مېيىتىغا ھەر خىل خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار ۋە ئېسىل مايلارنى ئىشلىتىپ، «داۋۇت شەھىرى»دە قىيا تاشقا ئۆزى ئۈچۈن ئويدۇرۇپ ياساتقان قەبرىگە دەپنە قىلدى ۋە ئۇنىڭ شەرىپىگە ناھايىتى چوڭ گۈلخان يېقىپ، تەزىيە بىلدۈردى.


پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەرگە باش قويۇپ، دانىيالغا تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئادەملىرىگە دانىيالغا ھەدىيە تەقدىم قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىسرىق سېلىش پەرمانىنى چۈشۈردى.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ پادىشاھ بابىلدا، يەنى ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن بابىل پادىشاھىنىڭ شەھىرىدە ئۆلىدۇ. چۈنكى ئۇ قىلغان قەسىمىگە ۋاپا قىلماي، بابىل پادىشاھى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇزدى.


پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ _ ھاياتىمىزنىڭ يىلتىزى چۈشتى ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا. ئۈمىد قىلغانىدۇق بىز ئەسلى، ياشايمىز دەپ ئەللەر ئارا پادىشاھىمىزنىڭ سايىسىدا.


قۇلاق سالغىنكى، مەن بۇ زېمىنغا ۋە بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارغا چۈشۈرىدىغان بالا-قازانى سەن ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن چۈشۈرمەيمەن. سەن قەبرىگە تىنچ ھالدا دەپنە قىلىنىسەن. بۇ بالا-قازالارنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرمەيسەن›». ئۇلار قايتىپ بېرىپ، بۇ سۆزلەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى.


شۇڭا قۇلاق سالغىنكى، مەن بۇ زېمىنغا چۈشۈرىدىغان بالا-قازانى سەن ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن چۈشۈرمەيمەن. سەن قەبرىگە تىنچ ھالدا دەپنە قىلىنىسەن. بۇ بالا-قازالارنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرمەيسەن›». ئۇلار قايتىپ بېرىپ، بۇ سۆزلەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى.


ئەي يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا، سۆزۈمگە قۇلاق سال! مەن پەرۋەردىگار ساڭا ۋەدە بېرىمەنكى، سەن قىلىچتا ئۆلمەيسەن.


ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار بىر كېچە يول مېڭىپ، ئۇ يەرگە بېرىپ، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى بەيتشاننىڭ سېپىلىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، يابېشقا ئاپىرىپ، ئۇ يەردە كۆيدۈردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite