يەرەمىيا 34:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 سەن ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. سەن چوقۇم تۇتقۇن بولۇپ، ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن. سەن نىبۇكادنەزەرنىڭ ئالدىدا يۈزمۇيۈز تۇرۇپ، جاۋاب بېرىشكە دۇچ كېلىسەن. ئاندىن ئۇلار سېنى بابىلغا ئېلىپ بارىدۇ. Gade chapit la |
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇنىڭدىن كېيىن مەن، پادىشاھ زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە بۇ شەھەردە كېسەل، ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتىن ئامان قالغانلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۇلارنى قىرغىن قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق ئىچ ئاغرىتىش، ھېسداشلىق ياكى شەپقەت قىلمايدۇ.›»
يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا قارشى ۋەھىي يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، پادىشاھ زىدقىيا ئۇنى ئەيىبلەپ: «سەن نېمىشقا بۇنداق ئىشلار توغرىسىدا ۋەھىي يەتكۈزىسەن؟» دەپ، يەرەمىيانى قاماپ قويغانىدى. يەرەمىيا مۇنداق ۋەھىي يەتكۈزگەنىدى: «بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر: ‹مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ.