Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 34:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ يېتەكچىلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە روھانىيلىرىنى، شۇنداقلا بۇ زېمىندىكى ئىككى پارچە قىلىۋېتىلگەن موزاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، مەن بىلەن ئەھدە تۈزگەن بارلىق كىشىلەرنى جازالايمەن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 34:19
14 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن بارلىق خەلق ۋە ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ قۇل ۋە دېدەكلىرىنى ئازاد قىلىشقا ۋە ئۇلارنى قايتا قۇل قىلماسلىققا قوشۇلۇپ، ئۇلارنى ئازاد قىلىشقانىدى.


سەن بىزگە ۋە بىزنىڭ يولباشچىلىرىمىزغا قىلغان سۆزلىرىڭنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتىڭ. سەن بىزگە زور بالا-قازا ياغدۇردۇڭ. يېرۇسالېم دۇچ كەلگەن بالايىئاپەت ئەزەلدىن پۈتۈن ئالەمدە بولۇپ باقمىغانىدى.


خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدۇق. ئۇلار سېنىڭ نامىڭ بىلەن پادىشاھلىرىمىزغا، يولباشچىلىرىمىزغا، ئەجدادلىرىمىزغا ۋە زېمىنىمىزدىكى بارلىق كىشىلەرگە سۆز قىلغانىدى.


كۇش يۇرتىدىن بولغان ئەمەلدار ئەبەد-مەلەك ئوردىدا يەرەمىيانىڭ قۇدۇققا تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. پادىشاھ بىنيامىن دەرۋازىسىدا سوت ئېچىۋاتقاندا،


(بۇ ئىش پادىشاھ يىھوياكىن، خان ئانىسى، ئوردا ئەمەلدارلىرى، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەمەلدارلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر يېرۇسالېمدىن سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن يۈز بەرگەنىدى.)


ئۇ پادىشاھ يىھوياكىننى، خان ئانىسىنى، پادىشاھنىڭ ئاياللىرىنى، ئەمەلدارلىرىنى ۋە ئەلدىكى كاتتا زاتلارنى تۇتقۇن قىلىپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.


يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن ئانىسى، مەسلىھەتچىلىرى، سەركەردىلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بابىل پادىشاھىغا تەسلىم بولدى. بابىل پادىشاھى ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. بۇ بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ سەككىزىنچى يىلى ئىدى.


ئى پەرۋەردىگار، بىز ۋە بىزنىڭ پادىشاھلىرىمىز، يولباشچىلىرىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمىزدىن نومۇس قىلماقتىمىز.


كۈن پېتىپ قاراڭغۇ چۈشكەندە، ئىس چىقىپ تۇرغان ئوچاق ۋە يېنىپ تۇرغان مەشئەل تۇيۇقسىز پەيدا بولدى ۋە ھېلىقى ئىككى قاتار تىزىلغان ھايۋان پارچىسى ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى.


بابىل پادىشاھى رىبلاھتا زىدقىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. بابىل پادىشاھى يەنە يەھۇدىيەنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈردى.


لېكىن ئىبرام: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مەن بۇ زېمىنغا چوقۇم ئىگە بولىدىغانلىقىمنى قانداق بىلىمەن؟ _ دەپ سورىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite