Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 34:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 لېكىن كېيىن سىلەر قارارىڭلارنى ئۆزگەرتىپ، نامىمغا ھۆرمەتسىزلىك قىلدىڭلار. ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئازاد بولۇشنى خالىغان قۇل ۋە دېدەكلەرنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى قايتىدىن قۇل بولۇشقا مەجبۇر قىلدىڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 34:16
15 Referans Kwoze  

مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلساڭلار، قەسىمىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، بولمىسا نامىمنى بۇلغايسىلەر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


ھەققانىي ئادەم ھەق يولىدىن يېنىپ، ئادالەتسىزلىك قىلسا، رەزىللەر بىلەن بىرگە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلسا، ئەجەبا بۇنداق ئادەم يەنىلا ھايات قېلىشى كېرەكمۇ؟ مەن بۇنداق ئادەمنىڭ بۇرۇنقى ھەققانىي ئىشلىرىنى ھېسابقا ئالمايمەن، ئۇ ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى ۋە قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ.


ئەگەر بىر ھەققانىي ئادەم ھەق يولىدىن يېنىپ، رەزىللىك قىلسا، ئۇنى پۇتلايمەن، ئۇ چوقۇم ھالاك بولىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىغان بولساڭ، ئۇ ئۆز گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغان ھەققانىي ئىشلىرىمۇ ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. مەن سەندىن ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن ھېساب ئالىمەن.


لېكىن، كېيىن ئۇلار قارارىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى تۇتۇپ كېلىپ، قايتا قۇل قىلدى.


نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالماڭلار. كىمدەكىم نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇنى چوقۇم جازالايمەن.


_ سائۇل مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئەمرىمنى ئىجرا قىلمىدى. ئۇنى پادىشاھ قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم. سامۇئىل بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، بەكلا بىئارام بولۇپ، پۈتۈن كېچە پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلىپ چىقتى.


ئەمما سىلەر روھانىيلار ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلدىڭلار. سىلەر مەن ئىگەڭلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆزگە ئىلمايسىلەر. بىز بۇ سۇپىدا ئەرزىمەس يېمەكلىكلەر ۋە قۇربانلىقلارنى سۇنساقمۇ بولىۋېرىدۇ، دەپ ئويلايسىلەر.


سىلەر ناپاك قۇربانلىقلارنى قۇربانلىق سۇپامغا قويۇپ، ماڭا ئاتىدىڭلار. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ‹سېنى قانداق خاپا قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامنى ھۆرمەت قىلمىساقمۇ بولىۋېرىدۇ، دەپ ئويلايسىلەر.


خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا مۇقەددەس نامىمنى نامايان قىلىمەن، ئەمدى مۇقەددەس نامىمنىڭ بۇلغىنىشىغا يول قويمايمەن. شۇندىلا ھەرقايسى ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى، يەنى ئىسرائىللارنىڭ مۇقەددەس خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئەگەر سۆزۈمگە قۇلاق سېلىشنى خالىمىساڭلار، يوقىلىڭلار، بۇتلىرىڭلارغا چوقۇنۇۋېرىڭلار! لېكىن سىلەرنىڭ ئەمدى بۇتلىرىڭلارغا قىلغان قۇربانلىق ھەدىيەلىرىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى يەنە بۇلغىشىڭلارغا يول قويمايمەن.


مەن ئادالەتلىك ئادەملەرنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىنى خالىمايتتىم، لېكىن سىلەر ئۇلارنى يالغانچىلىقىڭلار بىلەن ئۈمىدسىزلەندۈردۈڭلار. رەزىللەرنى يامان يولىدىن يانماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشىغا توسالغۇ بولدۇڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite