Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 34:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 يېقىندا سىلەر توۋا قىلىپ، مېنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدىڭلار. سىلەر قۇل بولغان ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى ئازاد قىلىشقا قوشۇلۇپ، نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانامغا كېلىپ، ھۇزۇرۇمدا كېلىشىم تۈزدۈڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 34:15
15 Referans Kwoze  

پادىشاھ زىدقىيا يېرۇسالېمدىكى بارلىق خەلق بىلەن ئۇلارنىڭ قۇللىرىنى ئازاد قىلىش توغرىسىدا بىر كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا ۋەھىي كەلگەنىدى.


پادىشاھ تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەھدىنى قايتىدىن مۇقىملىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا، قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ، بۇ يازمىغا پۈتۈلگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. پۈتۈن خەلقمۇ ئەگىشىپ، ۋەدە بېرىشتى.


ئۆزلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن بىرگە خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. ئەگەر ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسا، خۇدانىڭ قارغىشىغا قالىدۇ. ئۇلار ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىمىز، دەپ قەسەم بېرىشتى:


«بۇ خەلق مېنى ئاغزىدىلا ھۆرمەتلەيدۇ، لېكىن قەلبى مەندىن يىراق.


ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانامغا ئېلىپ كىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇ يەرنى بۇلغىدى.


ئۇلار ھەر كۈنى مەندىن ئۆتۈنىدۇ، ‹سېنىڭ ئەمرلىرىڭنى ئۆگىنىمىز!› دەيدۇ. خۇددى توغرا يولدا ماڭغان خەلقتەك، مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمدىن ئايرىلىپ باقمىغاندەك، ئۇلار مەندىن ئادالەتنىڭ ھۆكۈمىنى سورايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى ماڭا يېقىنلىشىشنى خالايدىغاندەك كۆرسىتىدۇ.


قەسەم ئىچتىم، سادىقمەن قەسىمىمگە، بويسۇنىمەن ئادىل ھۆكۈملىرىڭگە.


ئادا قىلىڭلار قەسەم قىلغاننى پەرۋەردىگارىڭلارغا، سوۋغا كەلتۈرسۇن قوشنا ئەللەر قورقۇشقا لايىق خۇداغا.


ئامازيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەجدادى داۋۇتنىڭكىگە يەتمەيتتى. ھەممىلا ئىشنى ئاتىسى يوئاشتەك قىلغان بولسىمۇ،


يوئاش باش روھانىي يىھويادانىڭ ۋاقتىدا ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.


سىلەر 50-يىلىنى مۇقەددەس يىل بىلىپ، بۇ يىلنى زېمىنىڭلاردىكى پۈتۈن خەلققە ھۆرلۈك يىلى دەپ جاكارلاڭلار. بۇ يىل سىلەرگە قۇت يىلى بولسۇن. سېتىلىپ كەتكەن پۈتۈن زېمىن ۋە ئۆيلەر بۇ يىلدا ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. بۇرۇن قۇل قىلىپ سېتىلغانلار ھۆر قىلىنىپ، ئۆز ئائىلىسىگە قايتۇرۇلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite